پارىژ تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاينى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىش ۋە كەڭ كۆلەمدە قاماش بىلەن ئەيىبلىدى

پارىژ تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاينى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىش ۋە كەڭ كۆلەمدە قاماش بىلەن ئەيىبلىدى

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 14- مارت

 

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان (Le Drian) چارشەنبە كۈنى مۇنداق دەپ بايانات بەردى: گەرچە بېيجىڭ توختىماي ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى زور كۆلەمدە قاماۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.

 

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېڭەش پالاتادا: «ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، يىغىۋىلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، يوقىتىۋىتىش، كەڭ كۆلەمدە قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىۋىتىش، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىل خاراكتېردىكىسى مەسچىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، خەلقنى نازارەت قىلىش قاتارلىق بۇ بىر قاتار قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسپاتلاندى.» دېدى.

 

ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يىغىۋىلىش لاگېرلىرىغا قامالغان.

 

خىتاي دائىرىلىرى بۇنى شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېكسترىمىزمدىن ئۇزاق تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتىدى.

 

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت ئالىي كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېت (Bachelet) نىڭ رەھبەرلىكىدە، تەرەپسىز، مۇستەقىل، ئاشكارا بولغان بىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) غا بېرىپ تەكشۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇنىڭ قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ فرانسىيە كارخانىلىرىنى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، خىتاي كارخانىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا زىيان سېلىشتىن ساقلىنىشنى ئاگاھلاندۇردى.

 

پارىژ دائىرىلىرى خىتاينىڭ خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىدە، خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى مۇمكىنقەدەر تېزراق تەستىقلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. فىرانسىيە خىتاينى ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا ئەسكەرتتى.

 

خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش پرىنسىپال كېلىشىمى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تۈزۈلگەن، بىراق ياۋروپادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. تەنقىد قىلغۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىدى، دەپ قارىدى.

 

24- فېرۋرال لې درىئان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان «تۈزۈلمە خاراكتېرلىق باستۇرۇش مېخانىزىمى» نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

 

مەنبە: فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

يە مارت 14 , 2021
پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like