ئويۇن يۇقىرى پەللىگە چىقتى: خىتاي:«ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە كۆرەش قىلىمىز!

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئاپرېل

ختاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا جاۋاپ قايتۇردى.خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە %50 باج كىرگۈزۈش تەھدىتىگە قارشى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى» ۋە قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ماللىرىغا قارشى 34% تاموژنا جازاسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابەن ئامېرىكا ماللىرىغا قارشى جازا بېجى ئېلان قىلغان. ترامپ تۈنۈگۈن غەزەپلىنىپ، ئەگەر 34% جازا بېجىنى توختاتمىساڭ، يەنە 50% جازا بېجى قوللىنىمەن دېگەنىدى، ئەمما خىتاي ئامېرىكا بىلەن رەسمىي ھېسابلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى «ساختا ›باراۋەر تاموژنا جازاسى'» قويۇشىنىڭ «ھېچقانداق ئاساسى يوق» ۋە «تىپىك بىر تەرەپلىمە زوراۋانلىق ھەرىكىتى.

«خىتاي قوللانغان قارشى تەدبىرلەر ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، شۇنداقلا نورمال خەلقئارا سودا تەرتىپىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تەدبىرلەر تولۇق قانۇنلۇق، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا باجنى ئۆستۈرۈش تەھدىتى «خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق» بولۇپ، يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ قورقۇتۇش خاراكتېرلىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئۆز يولىدا چىڭ تۇرسا، خىتاي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدۇ» دېگەن.

سۈرەت مەنبەسى: بىزنىس ئىنسايدىر

خەۋەر مەنبەسى: بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خىزمەتلىرىنى ماددى ياردەم بىلەن قوللاڭ:

https://www.gofundme.com/f/support-uyghur-times-a-voice-for-the-voiceless

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رەشىت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش گۇماندارلىقى بىلەن شىۋېتسىيەدە قولغا ئېلىندى

چا ئاپرېل 9 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 9-ئاپرېل شىۋېتسىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى چەرشەنبە كۈنى بۇ ھەپتە ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئادەمنى بېيجىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ئەزالىرىغا قارشى جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىدى. شىتوكخولمنىڭ شىمالىدىكى سولنادا چەرشەنبە كۈنى كېيىنرەك ئۆتكۈزۈلىدىغان سوت مەجلىسىدە، ئۇ گۇمانلانغۇچىنى ئېغىر جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن چۈشتىن […]
دىلشات رشىت

You May Like