ئوتتۇرا ئاسيا موتوسكىلىت ساھەسىدە ئاتالمىش «شنجاڭ»غا تايانماقتا

سانائەت ۋە پەن-تېخنىكىدا ئۆزىنى قۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرى ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ماشنسدازلىق ساھەسىدە ختايغا ئىغىر دەرىجىدە تايانماقتا، مۇتەخەسسلەرنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ خىل تايىنىش خىلى ئۇزۇن داۋام قىلىدىكەن

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» قورغاستا موتسىكلىتنى زاۋۇتتىن چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن موتسىكلىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  موتوسىكلىت ياساش تۈرى جايلاشقان يەر-ئاتالمىش (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قورغاس تەۋەلىك رايونىغا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، سەككىز تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلغان

  ختاي خەلق تورى مۇنداق دىگەن:« بۇ موتوسىكلىت ياساش تۈرىگە 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلانغان، ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت، ئىككى چاقلىق توكسىكلىت ۋە بىر قىسىم يېقىلغۇ ماي موتوسىكلىتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك موتوسىكلىت كەسپىدە پۈتۈن ئاپتوموبىل ياساشتىكى بېسىش، كەپشەرلەش، سىرلاش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تۆت چوڭ ھۈنەر-سەنئەت يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كەسىپلەر باغچە رايونىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش 1-دەرىجىلىك مۇندەرىجىسىنى ئىلتىماس قىلىغان. بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى قورغاس ماشىنا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ«.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېقتسادى ھەمكارلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل ئېقتسادى ھەمكارلىق ئارقىلىق ئېرشىدىغان مەنپەئىتى بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاكىتلار ئاساسدا خەۋەر بىرىپ كەلگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تەپسلى خەۋەر: ختاي تالباننى رەسمى ئېتىراپ قىلىپ، باش ئەلچىسنى قوبۇل قىلدى، ئېتتپاقداشلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

سە يانۋار 30 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-يانۋار ئافغانستانغا ھۆكۆمرانلىق قىلىۋاتقان تالبان ھۆكۈمىتىنىڭ ختايغا ئەۋەتكەن باش ئەلچىسى بىلال كەرىمى ( Bilal Karimi) ختاي ھۆكۈمرانى شى جىن پىڭغا دىپلوماتىك خەت تاپشۇرۇپ، رەسمى دىپلوماتىك ئېتىراپنامىغا ئېرىشكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.ختاي ھۆكۈمىتى ھەتتا روسيە،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان تالىباننى تۇنجى بولۇپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى.ئۆزگىچە يېرى شۇكى، تالىبان […]
تالبان-ختاي دىپلوماتىك مۇناسۋەت

You May Like