تەييارلىغۇچى: ئىلتەرىش
كوررېكتور: مەنزىل
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-16
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
بۇنى رىئاللىق دەپ ئاتاش كېرەكمۇ ياكى شۇنداق دەپ چۈشىنىۋېلىش ھادىسىسى دېيىش كېرەكمۇ، بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، لىكىن بىر نەرسە ئېنىق ، ئولار يالغۇز قالغان.
ھازىرغىچە خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى توغرۇلۇق جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان، ئۆز ئىشىنى ۋە ئائىلسىنى ئىككىنچى ئورۇنغا تاشلاپ قويۇپ، يىراق يېقىن دېمەي تۈركىيەنىڭ قەيىرىدە بىر يىغىنغا تەكلىپ قىلسا خۇشاللىق، ھاياجان ۋە ئۈمىد بىلەن شۇ يەرگە بارىدىغان ئۈچ كىشى بار. بۇلار ئۆمەر بىك ئالى، ئابدۇراخمان ھەسەن ۋە گۈلباھار جېلىل. تۈركىيەدە باشقا شاھىتلارمۇ بار ۋە مېدىيالارغا سۆزلىدى، لىكىن بۇ ئۈچ كىشىدەك يىغىن ۋە گۇۋاھلىققا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن بۇيازمىدا ئۇلار توغرۇلۇق توختالمايمىز. تەبئىيكى ، ئولارغىمۇ چەكسىز ھۆرمىتىمىز بار ۋە رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا ئامېرىكىدا يەنە جاسارىتى ۋە قەھرىمانلىقى بىلەن ئامېرىكا پارلامىتى ۋە دۇنيا دېموكىراتىيە قوللىغۇچىلىرىنى ھەركەتكە كەلتۈرگەن پەخىرلىك قىزىمىز مىھرىگۈل تۇرسۇنمۇ بار، لىكىن بۇ يازمىدا پەقەت ئۆمەر بىك ئالى ۋە گۈلباھار جېلىل ئىككەيلەن توغرۇلۇق توختىتىلىمىز.
13- دېكابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بەزى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە يىغىنغا بارغان بەزى ئۇيغۇرلار ئۆمەر بىك ئالى ۋە گۈلباھار جېلىل بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئولار چەتئەللىكلەر بىلەن نۇرمال قۇچاقلاشتى. ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەندە چىڭ ۋە ئۇزۇن قۇچاقلاشتى، كۆز يېشى قىلدى، رەھمەت دېدى. خۇددى ئويەرگە بارغان ئويغۇرلار بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرەر ئىشىنى قىلۋەتكەندەك، خۇددى بۇ ئىككەيلەن ئولارغا بەك مۇھتاجدەك بىر خىل قاراشلار ۋە تەلمۈرۈشلەر. بولۇپمۇ گۈلباھار جېلىل ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈشكىلى كەلگىنىدىن بەك خۇشال بولدىمۇ ئەيتاۋۇر يىغلاپ كەتتى، يەنە تېخى رەھمەت دېدى…..
ئولار كىمگە ۋە نىمىشقا رەھمەت ئېيتىدۇ؟ بۇ يىغىنغا ئولار دەرت سۆزلەش ئارقلىق قورساق كۆپۈكىنى چىقىرۋېلىشقا ياكى بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق يەڭگىللىۋېلىشقا كەلدىمۇ؟
قانداق كىشى مىللەت ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ تۇرۇپ يەنە شۇ مىللەتتىن بولغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ؟ مەن بۇ سۇئالغا ئولارنىڭ ئالىيجاناپلىقى دەپ ھەم ئاسان ھەم مەنتىقىسىز جاۋاب بەرگۈم يوق . ئولار ئاليىجانابلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئالىيجاناپ كىشىلەر . لىكىن بۇ ئالىيجاناپلىق ئولارنىڭ رەھمەت دېيشىنىڭ مەنتىقە جەھەتتىكى سەۋەبى بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ قىسقا جاۋابى ئۆزىنى بۇ يولدا يالغۇز دەپ ھىس قىلشتۇر، يىتەرلىك رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ۋە قوللاشنىڭ بولمىغانلىقىدۇر . بۇنى بەلكىم ئو ئىككەيلەن خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولىشىمۇ مۈمكىن، چۈنكى ئىنسان ئۆزىدە بار بولغان نۇرغۇن ھىس تۇيغۇلارنى بايقاپ بولالمايدۇ. بۇ ئىككەيلەندىكى ئۆز قېرنداشلىرىغا بولغان سەمىمىيلىك، ھەتتا تەلمۈرۈشلەر مېنى ئويغا سالدى. بىزلەر ئولارنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرسەك، يوللىرىغا گىلەم سالساق، تون كەيدۈرسەك بولاتتى، شۇنداققۇ! چۈنكى ئولاردەك جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىققان، مىللىتىنىڭ كۆرىۋاتقان كۈنى ئۈچۈن ياش تۆككەن كىشىمىز بارماق بىلەن سانۋالغۇدەكلا ئاز.
بىز يىغىن زالىدىن چىقىپ، ئولارنى ئېلىپ كېتىدىغان ماشىنا كېلىدىغان تەرەپكە ماڭدۇق . ماشىنا كېلىدىغانغا يېرىم سائەتتىن جىقراق ۋاقىت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ساقلاپ تۇردۇق ۋە بۇ جەرياندا سۆھبەتلىرىمىز باشلاندى.
يىغىن توغرۇلۇق ۋە باشقا ئىشلار توغرۇلۇق ئۇنداق ـ مۇنداق گەپ ـ سۆزلەر بولۇنغاندىن كىيىن، بىرەيلەن ئۆمەر بىك ئالىدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورىدى:
ــــ تۈركىيەدە نۇرۇغۇنلىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر شەرقىي تۈركستان دەۋاسىنى قىلىۋاتىدۇ ۋە ھەرخىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ، لىكىن مەن دىققەت قىلسام سىز ، گۈلباھار جېلىل ۋە ئابدۇراخمان ھەسەنلەر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىغا ئاساسى جەھەتتىن يالغۇز بېرىۋاتسىلەر، يەنى ھىچقانداق تەشكىلات ياكى «چوڭلىرىمىز»نى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمىدۇق. نىمشقابۇنداقبولىدۇ؟
جاۋاپ : (ئۆمەربىك ) شۇنداق، دېگىنىڭىز توغرا. ئىشلار سىز دېگەندەك بولىۋاتىدۇ. ھازىرغا كەلگۈچە تۈركىيەدە چوڭلاردىن ئەنقەرەدىكى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقتىن باشقا ھىچكىم مېنى بىرەر يەرگە تەكلىپ قىلىپ، بۇ يەرگە كەل، بىللە قىلايىلى دېمىدى. لىكىن مەن سەۋەبىنى بىلمەيمەن. بىللە قىلغان بولساق ھەقىقەتەن ئۈنىمى ياخشى بولاتتى. چۈنكى بىز تىرىك شاھىد. باشقىلار ئۇ يەر بۇ يەردىن ئوقۇغان، ئاڭلىغان، كۆرگەن ۋە تەھلىل قىلغانلىرىنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىدۇ. لىكىن بىز بىۋاستە بېشىمىزدىن ئۆتكەننى سۆزلەيمىز. بۇنىڭ قايىل قىلش كۈچى ھەقىقەتەن چوڭ. مەن تەشكىلاتلارنىڭ نىمشقا ھازىرغىچە بىز بىلەن ئالاقلاشمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەزى كىشىلەردە ئاجايىپ كىبىر بار ئىكەن. ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچ تالشىش بەك ئېغىر ئىكەن. مىللەت ئۆلۈپ تۈگەپ كىتۋاتسا، بەزى كىشىلەر ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىشنىڭ كويىدا ئىكەن ( مەڭزىدىن بىر قانچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى). ماڭا ھىچقانداق تەشكىلاتلارغا تەۋە بولمىغان ياشلار، بولۇپمۇ ئويغاق، ۋىجدانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن جىق مەنىۋي ياردەملەر كېلىۋاتىدۇ، لىكىن تەشكىلاتلاردىن ئەمەس.
يەنە بىر سوئال : مۇنداق بىر گەپلەرنى ئاڭلىدۇق، لىكىن راستمۇ يالغانمۇ بىلمەيمىز . شۇنداقتىمۇ سىزدىن سوراپ باقايلى. چوڭلار ياكى تەشكىلاتلار سىزلەرنى «باشتا بىزنى ئىزدىشى كېرەك ئىدى، ئولارنىڭ مەقسىدى قەھرىمان بولماقچى» دېگەندەك ئويلايدىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ ( ئەسكەرتىش : بۇ سۇئالدا دېيىلگەن گەپنىڭ ھەقىقەت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇ پەقەت بىرەيلەن تەرىپىدىن سورالغان بىر سۇئال )
جاۋاپ : مەن ئىزدىمىدىم ئەمەس، ئايالىمنى قازاقستاندىن ئېلىپ كېلىدىغاندا مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ باشلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. نۇمۇرۇمنى بەردىم. مېنى بىلىدۇ. ماڭا ئەركىن ئاسىيا تىلىفۇن خەۋىرى ئىشلىدى، ئېنگىلىزچە خەۋەرلەر ئىشلەندى. ( دېمسىمۇ بۇ كىشى لاگىردا يېتىپ چىققان شاھىد بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاگىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تۇنجى قېتىم غەرب مېدىياسىغا ئاڭلاتقان كىشى) مىنى تۈركىيەدىن ھىچقانداق تەشكىلات رەئىسى بىر يەرگە تەكلىپ قىلىپ يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىدى. قازاقىستاندا كىچىككىنە بىر «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتى بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بىرىپ يۈرۈپ، خىتايغا بېسىم قىلىپ نۇرغۇنلىغان قازاقىستان ۋەتەنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى، لىكىن تۈركىيەدە شۇنچە كۆپ تەشكىلات بار ئىكەن، نىمە قىلۋاتىدۇ بىلەلمىدىم.
ياپۇنىيەگە تەكلىپ قىلدى مېنى، باردىم. ياپۇنىيەدىكى قېرىنداشلار ئايرىدىرومغا يەتتە مىتىر كېلىدىغان لىنكولىنمۇ ، پاساتمۇ بىر قارا ماشىنا بىلەن مېنى كۈتىۋالغىلى چىقتى. ياپۇنىيە مۇخبىرلىرى بارماقلىرىنى چىشلىشىپ تۇرۇپلا قالدى. مېنى مۆرىلىرىگە ئېلىشىپ كۆتۈردى. مەن بۇنى دىيىش ئارقىلىق باشقا مەقسىدىم يوق. مەن ئاددىيلا بىر ئادەم، لىكىن ئولار ئېسىل بالىلار ئىكەن. مەن ھىچكىمدىن مېنى ۋاي دېسۇن دېمەيمەن ھەم ماڭا كىرىكى يوق، لىكىن بىرلىك بولالماسلىق مېنى ئۆمۈتسىزلەندۈردى.
3- سۇئال: سىزچىقىملىرىڭىزنىقانداقھەلقىلۋاتسىز؟بىرەرسىياردەمبېرىۋاتامدۇ؟
مەن قازاقستاندىكى ساتقۇدەك نەرسەمنى سېتىۋەتتىم. ئىككى ماشىنام بار ئىدى، ساتتىم. ئاللاھقا شۈكرى، ئاچ قالمىدىم. ياردەم قىلغانلار بولدى. ياپۇنىيەگە بارغاندا شۇ يەردىكىلەر ياردەم قىلدى. كانادادىن بىرەيلەن ياردەم قىلدى. ئاۋسترالىيەدىن ھەممىڭلار تونۇيدىغان بىر كىشى 1000 دوللار ياردەم قىلغان بولدى. مانا موشۇنداق. بۇ گەپلەرنى دېسەم بولمايتى، لىكىن سىلەر سورىدىڭلار شۇڭا دىيىلىپ قالدى….
ئومەربىك ئالى بىلەن بولغان سۆھبەت قىسقارتىپ ئېيتقاندا موشۇنچلىك بولدى. ئەڭ ئاخىردىكى پۇل توغرۇلۇق سوئالغا ئۆمەربىك سەل ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى. بىز شەرقىي تۈركستان خەلقى شۇ قەدەر ئىسل ۋە ئاليىجاناپ خەلىقمىزكى ، پۇلنىڭ گېپىنى ئوچۇق ئاشكارا سورۇنلاردا قىلىشتىن خىجىل بولىمىز . «مەن مۇنداق ئىش قىلمەن ، ماڭا ئىقتسادى ياردەم قىل» دېمەيمىز . يېنمىزدا بىرتىيىن قالغۇچە قىلىپ، ئاخىرىدا تاشلاپ قويىمىزكى، «مەن بۇ ئىشنى سەن ئۈچۈنمۇ قىلۋاتىمەن ماڭا ياردەم قىل» دېمەيمىز.
ئەملىيەتتە شۇ نەرسە ئېنىقكى ، ھازىرقى جەمىيەتتە ئىقتىساد بولمىسا ھىچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. شەرقىي تۈركستان خەلقى بۇنى ياخشى چۈشىنىشىمىز ۋە ياردەم قىلشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەتتە ئۆمەر بىك ئالى بىلەن بولغان سۆھبەت ناھايىتى ئاچچىق بىر رىئاللىقنى بىزگە يورۇتۇپ بەردى. بۇ رىئاللىق شەخسى مەنپەت، يۈز ـ ئابروي ۋە تەسىر دائىرسى تالىشىشنى ۋەتەن دەۋاسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋېلىشتىن ئىبارەت. بەزى تەشكىلات ۋە چوڭلارغا بۇ گەپ چۈشمەسلىكى مۈمكىن، لىكىن ئويلانمىساق بولمايدىغان بىر مەسىلە شۇكى، ئۆمەربىك، ئابدۇراخمان ھەسەن ۋە گۈلباھار جېلىل قاتارلىق كىشىلەرنى نىمىشقا بىر تەشكىلات يېنىغا تارتىپ، پىلانلىق بىر شەكىلدە پائالىيەت ئېلىپ بارمايدۇ؟ئەجىبا بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشەلمەمتۇق؟
كۆپ نەرسىنىڭ قانۇنىيىتى تىجارەت قىلغانغا ئوخشايدۇ، يەنى پايدا ۋە زىيانغا قاراپ قىلىنىدۇ ۋە پىلانمۇ موشۇنىڭغا ئاساسەن تۈزىلىدۇ. قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق ياكى ئەھمىيىتى يوق ئىشلار ئۈچۈن كۈن ئۆتكۈزۈش، بۇ تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ زېھنىنى ، ۋاقتىنى ۋە پۇلىنى ئىسراپ قىلغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىر شەرقىي تۈركستان دەۋاسى ئۈچۈن تۈركىيەدە ئۈچ كىشى تەييار تۇرۇپتۇ. بۇلار بولۇپمۇ ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان، بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرۇتىۋىتىش خەۋپى بولغان لاگىر مەسلىسى ئۈچۈن ھەرقانداق بىرشەخس ۋە ھەرقانداق بىر ئىشتىن موھىم ۋە ئاچقۇچلۇق كىشىلەردۇر. بۇ دەۋانى قىلۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ كىشىلەر تېپىلغۇسىز گۆھەر كەبى ئىنسانلاردۇر. لىكىن، بۇلار نىمشقا يالغۇز قالدۇرۇلىدۇ؟ ياكى يالغۇز قالىدۇ؟ بۇلار باشقىلارنى ئىزدىمىگەن تەقدىردىمۇ تەشكىلات ۋە چوڭلارنىڭ ئىزدەش مەجبۇرىيىتى بارمۇ يوق؟ ھىچبولمىغاندا بۇلار شەرقىي تۈركستان داۋاسى ئۈچۈن تولىمۇ كېرەكلىك ئىنسانلارمۇ ئەمەسمۇ ؟ يەنە بۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىچۇ؟ يالغۇز ھەركەت قىلسا بىخەتەرلىكى تېخمۇ بەك تەھدىتكە ئۇچرامدۇ يوق؟ ئەگەر شۇلارغا تۈركىيەدىكى چوڭ تەشكىلاتلاردىن بىرى ئىگە چىقىپ يېنىغا تارتقان بولسا، شۇ تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى بىلەن بۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى تۈركىيەدىكى چوڭ پارتىيە ۋە شەخسىلەرنىڭ قولقىغا يەتكەن بولسا ياكى كۆرگەن بولسا ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركستان داۋاسىدا ھازىرقىدىن ياخشى بىر ۋەزىيەت شەكىللىنەمتى يوق؟
سىلەر چوڭلار ۋە تەشكىلاتلار نىمىنى ئويلىدىڭلار؟ راستىنلا بۇلارنى سىلەردىن تەسىر كۈچى تالشىپ، رىقابەت ئېلان قىلىدۇ دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ تالاشقۇدەك بىر نەرسە بارمۇ؟ بۇلار شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن جىق نەرسىنى ئويلىيالمىغان بولسا، سىلەرنىڭ تەشكىلات بولۇش ۋە يېنىڭلاردا نەچچە مەسلىھەتچىلىرىڭلار بولغان بىر قۇرۇم بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن بۇلار بىلەن پاراڭلشىپ، «كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ» يېنىڭلارغا تارتىشىڭلار تېخىمۇ توغرا ئەمەسمۇ؟
ياكى بۇلار ھازىرچە «ئۆز بېشمچىلق » بىلەن ھەركەت قىلىپ، كىيىن يەنە بىزنى ئىزدەيدۇ، دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ، بۇلار «ئۆزلىرىنى بىلىپ » بولغىچە بىزنىڭ خەلق قىرىلىپ كىتۋەرسۇنمۇ؟
مەسلەن يېقىندىن ياقى ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىلى فاخرەددىن يۇكۇش ئۇيغۇرلارنى يېنىغا ئېلىپ، سەھنىگە چىقىپ تۇرۇپ بىز توغرۇلۇق گەپ قىلدى، ئۆمەر بىك ئالىمۇ شۇ يەرگە تەكلىپ قىلنغان بولسا تېخىمۇ بەك ياخشى بولمامتى؟ ئۆزى كەلسۇن ئەمىسە دېيشىڭلار مۈمكىن. ھازىرمۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق بولمىسا نىمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ئۆمەربىك بېرىپلا بىر مۇنچە كىشىنى يىغىپ ئولارغا گۇۋاھلىق بېرەلەمدۇ؟ يەنە كونيادا بىر قانچە كىشى بېرىپ سۆزلەپ كەلدىڭلار، سىلەر بۇ ئۈچ كىشىدىن بىرنى تەكلىپ قىلشنى ئويلاپ باقمىدىڭلارمۇ ۋە نىمە ئۈچۈن
؟ ……
بۇنداق سۇئاللارنى سورىساق يەنە نۇرغۇنى بار. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر سوئال بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق:
ئىش قىلغاندا مەنتىقىنى، پايدا ـ زىياننى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ قىلش كېرەكمۇ ياكى شەخسى كۆز قاراش، ئاداۋەت، مونوپۇللۇقنى ئاساس قىلىش كېرەكمۇ؟تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، سىلەر قايسىنى ئاساس قىلىپ ئىش قىلسىلەر؟ئۆمەربىك قاتارلىق بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھىچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي قوللىشىسىز ھەركەت قىلىشى ھەققىدە سىلەر ئەجىبا ئۆزۈڭلارنى سوراققا تارتىپ باقتىڭلارمۇ؟
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.