ئۆكتىچى ناۋالنىينىڭ رۇسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا بولغان نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىندى.

ئۆكتىچى ئالىكسېي ناۋالنىي شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇددىتىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىلىپ، قايتا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى 17- يانۋار قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. ئەرزنى كۆرۈپ چىققان موسكۋا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ناۋالنىينىڭ قانۇنىي ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق دەپ قاراپ، ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم چىقاردى.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېتنلىقى ، 2021 يىلى 28- يانۋار

 

ئۆكتىچى ئالىكسېي ناۋالنىي شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇددىتىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىلىپ، قايتا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى 17- يانۋار قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. ئەرزنى كۆرۈپ چىققان موسكۋا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ناۋالنىينىڭ قانۇنىي ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق دەپ قاراپ، ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم چىقاردى.

 

ناۋالنىي 30 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، بۇ جازا مۇددىتى 15-فېۋرالغىچە ئىدى. ناۋالنىينى قوللىغۇچىلار 23- يانۋار ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئون مىڭلىغان ئادەم بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. كېرمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ناۋالنىينى قوللىغان نامايىشنىڭ «قانۇنسىز ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ناۋالنىي 31- يانۋاردا نامايىشنىڭ يەنە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدىكى سان-سېفىرلار

جۈ يانۋار 29 , 2021
ئىككى تەرەپلىك سودا مىقدارى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.خىتاي شىركەتلىرنىڭ تۈركىيەدىكى FDI پاي چېكى 1 مىليارد 920 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىككى دۆلەت 12 مىليارد خەلق پۇلى (10 مىليارد 900 مىليون تۈرك لىراسى) پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

You May Like