ئوبزور: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئ‍سرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىغا قانداق ئپادە بىلدۈرۈشى كىرەك

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان داۋاسى سۈكۈتنى كۆتۈرەلەمدۇ؟
مەمەت توختى
ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلىشى ئىجرا دىرىكتورى

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بىردىن بىر ھاماسنىڭ ئىسراىلگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىنلا ئىسرائ‍ىلنىڭ غاززاغا قاراتقان قايتارما ھۇجۇمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە مەركەزلەشتى.
بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئىسرائ‍ىلىيەنىڭ قايسى نۇقتىدا توختايدىغانلىقى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق شەرتلەر ئاستىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەممىمىزگە قاراڭغۇ، لىكىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەنپەئ‍تىگە بولمايدىغانلىقى، تىخىمۇ كۆپ قاننىڭ ئاقىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ جاننىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى ۋە ھىچ نەرسىنىڭ بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقى ھازىردىن باشلاپ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
شۇنى ئالدىن ئيتىش كىرەككى، ھاماس بىر تىررورىست تەشكىلات ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېتتپاقداش دۆلەتلىرى شۇنداق دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ.
ھاماسنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشى ئەسكەر پۇقرا ئايرىماستىن قاراقويۇق قىلىنغان ھۇجۇم بولغاچقا مۇتلەق كۆپ دۆلەتلەر بۇنى «تىررور ھەركبتى»دەپ ئىلان قىلدى. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ تىرورلۇق ھەرىكىتىدۇر.
يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن ئىسرائ‍ىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ،ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئۈمىت تۇغۇلىۋاتقان، ئىقتىسادى، تېخنىكىلىق ۋە دىپلوماتىك يېقىن ئىش بىرلىگىنى بەرپا قبلىپ ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى سىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ھاماسنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەھشى ھەركىتى – پۈتۈن رايوندىكى ئەرەپ- ئىسرائ‍ىلىيە يېقىنلىشىشىنىڭ ئ‍ۇلىغا بومبا قويغان، بارلىق پىلان ۋە تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئاستىن ئۈستىن قىلغان، بولۇپمۇ ئەرەپ ۋە يەھۇدىلار ئوتتۇرىدا شەكىللىنىۋاتقان ئۆز ئارا چۈشۈنىش، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بولدى. .
مانا ئەمدى ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كۆپ نەپرەت، تېخىمۇ ئېغىر ئۆچمەنلىك، قان ۋە كۆز يېشى، ۋەيرانچىلىق ھاكىم
سۈرىدۇ.
ئىسرائ‍ىلىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئيتقاندا، «ھاماس جەھەننەمنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچتى»
«ھاماس بىر كۈنلۈك ۋەھشيىلىك بىلەن نىمىگە ئىرىشتى ؟»دىگەن سۇئالنىڭ ئەمدى ھىچ ئەھمىيىتى يوق.
چۈنكى ئەمدى ئەسلى ئويۇننى ئىسرائ‍ىلىيە ئوينايدۇ ۋە ئۆزى خالىغان نوقتىدا ۋە شەرتلەر ئاستىدا توختايدۇ.
بىركۈنلۈك داۋام قىلغان ۋە ھىچ بىر ۋاستە تاللىماي ئېلىپ بېرىلغان قان، زالىملىق، ياۋۇزلۇق نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن جانلار، گۆرەگە ئېلىنغان ئاياللار ۋە بالىلار مانا ئەمدى بىچارە گازا خەلقىغە ئىنتىقام بولۇپ قايتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەسسلەپ مىسلى بولۇپ ئىكرانلاردا ئەكس ئېتىدۇ.
بۇنى «ھەقلىق مۇجادىلە» دىگەنلەر ئاقىۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يوقۇتۇشنىڭ ھىساۋىنى قىلىپ كۆرگەي.
بىز ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مىللى مەنپەئەتىمىز نىمىنى تەقەززا قىلسا شۇ نوقتىدا تۇرىشىمىز، ھىس تۇيغۇ بىلەن ئەمەس رىئال سىياسەت ( real politic) بويىچە ھەركەت قىلىشىمىز كىرەك.


پەلەستىن ھۆكۈمىتى خىتايدىن كىلىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا ساتقىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، لىكىن ئىسلام قېرىنداشلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ دۇق ۋەكىللىك قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان داۋاسى، يالغۇز چەتەللەردىكى ناھايتى تار بىر موھىتقا سېقىشىپ قالغان سىياسى ۋە دىنىي رىياللىقلارنىلا ئەمەس بەلكى شەرقى تۈركىستاندىكى ئەسلى خەلقىمىزنىڭ قان ۋە كۆز يېشى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ھىساپتىكى مىللى مەنپەئ‍تىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ پوزىتسىيە تۇتىشى كىرەك.
بەزى ھالقىلىق پەيتلەر كىلىدۇ، سۈكۈتتە ياكى تەرەپسىز تۇرىۋىلىش بەلكى دىپلۇماتىك ئۇستىلىقتەك ياكى زىخمۇ كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن مىسالى ھەر ئىككى تەرەپكە دۈشمەن بولماسلىق ئەقلى يولدەك كۆرۈنىشى مۇمكىن.
لىكىن بۇ پەيت ئۇنداق پەيت ئەمەس.ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر بىر سۆزى-باياناتى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.تاراتقۇلار، ھۆكۈمەتلەر، تەتقىقات مەركەزلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى
بۇگۈن «توغرىنى توغرا» دەپ ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدىغان پەيت.
ئۇيغۇر داۋاسى غەرپنىڭ كۈچى بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان بولساق، غەرپ سىياسىتىدە يەھۇدىلارنىڭ ئوينايدىغان سىياسى ئېغىرلىقىنى رەت قىلالمىساق ۋە شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇگۈن بېرىدىغان قارارىمىزنىڭ موھىم رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلالىغان بولساق ، تۇتىغان يولىمىز ھەققىدە ھىچ ئىككىلەنمەسلىكىمىز كىرەك.
چۈنكى بۇگۈنكى بىزنىڭ سۈكۈتىمىز ئەتە بىزنىڭ داۋايىمىزدا كۆپلىگەن سۈكۈتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
بىزنىڭ داۋايىمىزنى قوللاپ كەلگەنلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ ۋە بۇ ئېغىر بەدەلنى ۋەتەن خەلقىمىز قېنى ۋە جېنى بىلەن تۆلەيدۇ.
ھىچكىمنىڭ بۇنىڭغا ھەققى يوق.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

سالىھ خۇدايار: مەن ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن

دۈ ئۆكتەبىر 9 , 2023
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئ‍ۇيغۇر سياسى پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار 8-ئۆكتەبىر تېۋىتتردا ئىنگىلىزچە بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: «بەزى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ھالدا، مەن ختاي ۋە ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خاماسنىڭ غالجىرلىقىغا قارشى ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن. ختاي پەلەستىننى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقى تۈركستاننى بېسۋىلىشنى، رەھمسزلەرچە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشاش، […]
سالىھ خۇدايار

You May Like