ئابدۇۋەلى ئايۇپ
توغرا ئوقۇدىڭىز، دىنىي ئەسەبىيلىك ئۇيغۇردا مىللەت سۈپىتىدە يوق. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئەسەبىيلىك ئەمەس، ھىچقانداق كوللىكتىپ ئەسەبىيلىكتىن ئەسەرمۇ يوق. دىنىي
ئەسەبىيلىك دېگەن بىر خىتايچە يالا تۆھمەت، دۇنيادا ئۇنى جىھاتچىلىقمۇ دەپ قويىدۇ. ئۇيغۇردا ئۇمۇ
مەۋجۇت ئەمەس.
مەن 2018- يىلى «مۇھا جىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا جىھاتچىلىق بارمۇ» دەپ يازما يازغان ۋە جىھاتقا دائىر
كىتاپلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى كىتاپخانا، ئاشخانا ۋە مەدەرەسەلەردە كۆپ تارقىلىشىغا، جىھاتقا دائىر
ۋىديولارنىڭ كۆپلەپ كۆرۈلىشىگە، كىشىلەرنىڭ جەمەتلەر بويىچە سۈرىيە، ئىراقلارغا قاراپ سەپەر
قىلىشلىرىغا قاراپ ئالدىراپ مۇھاجىرەتكە چىققان ئۇيغۇرلاردا جىھاتچىلىق بار. ئەسەبىيلىك ئەتراپىمىزدا
بار، ئەسەبىيلەر ئىچىمىزدە مەۋجۇت دېگەن خاتا يەكۈننى چىقارغان ئىكەنمەن.
مۇھاجىرەتتىكى بەش يىللىق كۆزىتىشلەردىن كېيىن، كىشىلەردە دىنىي ئەسەبىيلىك ئەمەس، ئەسەبىيلىككە
ياتىدىغان ھىچ بىر ئامىلنىڭ كىشىلەرنىڭ، گېنىدا، ھۈجەيرىسىدە، يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان قاندا يوق
ئىكەنلىكىنى پەرق قىلدىم.
مەن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيا تېرورلۇق دەپ ئىتىراپ قىلغان ۋەتەندىكى بەزى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى
تېرورلۇق دەپ ئىتىراپ قىلاتتىم. بۇ قېتىم نورۋېگىيەنىڭ بېرگېندە، ئادەملەرنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ
رەت قىلدىم. نورۋېگىيە دۆلەتلىك تېلۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرىغا، 26-سېنتەبىر تۇنجى قېتىم، ئۇيغۇرنىڭ
يېرىدىكى قورالسىز خىتاي پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھەرىكەتلەرنى مال-مۈلكى، غۇرۇرى،
ئىستىقبالى تارتىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش، قىساسكارلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىدىم. ئۇلارنىڭ دىن بىلەن
قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى يەشتىم. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن، خىتايلار
قىلغان يەسلى ئوقۇغۇچىلارغا، بىگۇناھ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىكى
ئوخشاشلىقىنى شەرھىلىدىم.
خىتاي دۆلىتىدە ئۇيغۇرلار قىلغان پۇقرالار نىشانلانغان زوراۋانلىق ۋەقەسى بىلەن خىتايلار قىلغان قانلىق
ۋەقەلەرنىڭ ئوخشاشلىقىنى تەكىتلىدىم. بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ سەۋەبى زۇلۇم، مۇستەبىت تۈزۈم، تاجاۋۇز
ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئىدى. مەنچە زوراۋانلىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ، بوزەك قىلىنغانلارنىڭ، تىنچلىق
ئىزدەپ تاياققا قالغانلارنىڭ، جازا يەپ تۇرۇپ ۋاي دات دېيەلمەيۋاتقانلارنىڭ بىر خىل قارشىلىق شەكلى،
ئۆزىنى سىغدۇرمىغان جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىدى.
ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى يەنە پۈتۈنلەي پەرقسىز دەپ قويۇشقىمۇ
بولمايتتى. مەنچە پەرق ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراپلا قالماي، بەلكى يەنە تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقى
ئىدى. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە، تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن يېرىدىن قۇرۇق قالغان بىر خىتاي ئۈچۈن بۇ بىر
ئىقتىسادىي زىيان بولسا، يېرىدىن قۇرۇق قالغان ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىقتىسادىي زىيانلار ئەمەس، ئاتا مىراس
تۇپراقتىن قۇرۇق قېلىش، زېمىندارلىق غۇرۇرىدىن مەھرۇم قېلىش، بېسىۋالغۇچىلارغا يېڭىلىپ شەرىپىدىن
قۇرۇق قېلىش مەسىلىسى ئىدى. شۇڭا خىتاي دۆلىتىدە بولۇۋاتقان زۇلۇملارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى
بەكرەك ئەشەددىي، بەكرەك قانلىق ۋە بەكرەك جاھىلانە بولاتتى.
خوش، ئۇنداق ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلەرى تېرورلۇقمۇ؟ مەنچە ياق! بولۇپمۇ ئىرقىمىز، ئۇيغۇرىمىز قىرغىنغا
ئۇچىرىغان يېرىمىزدە ئۇنداق ئەمەس! جاننى تىكىپ تۇرۇپ ئۆچ ئېلىش دېگەن ماۋۇ زېمىن مېنىڭ، ماۋۇ
تۇپراقتا بوۋامنىڭ تەرى، مومامنىڭ قېنى بار، بويۇمغا تەڭ ئالتۇن بەرسەڭمۇ يەرسىز قويغىنىڭنى
كەچۈرمەيمەن! دەيدىغان ئىرادەلەرنىڭ جاكارلىنىشى.
غەزەپنى مەنبە قىلغان، ئەلەمگە چىدىمىغانلارنىڭ قورالى بولغان ئۆچ ئېلىش ئەسەبىي شەكىللەردە بولۇشى
مۇمكىن، ئەمما سەۋەپ قارشى تەرەپنىڭ كاپىر بولغانلىقى، دىنسىز بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى تىلىنى
سۇغۇرىۋالماقچى بولغان تاجاۋۇزچى بولغانلىقىدىن. مەسىلەن، تىلى چەكلەنگەن بىر ئۇيغۇر قىساس ئالغاندا
« سەن چەكلىگەنچە بالامنى ئۇيغۇرچە سۆزلىتىمەن، سەن قىينىغانچە ئەۋلادىمنى سەنلەرنىڭ تىلىدا
كالدىرلاتمايمەن، ئۆلسەممۇ ئۇيغۇرچە ۋارقىراپ ئۆلىمەن! دەپ نىدار قىلىدۇ.
بېسىۋېلىنغان تۇپراقتا قىساسكارلىقنى قارار قىلغان بىر ئۇيغۇر: سەنلەرنىڭ مازارىمدا، بازارىمدا،
باغۋارانىمدا ھەققىڭ يوق. ئۆلتۈرسەڭمۇ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن تۇپراقنى قۇچاقلاپ ئۆلىمەن! بىز سەن
خەق ئۆلتۈرگەنگەن تۈگەشمەيمىز! بىزنىڭ قېنىمىز تۆكۈلگەن، بىز كۆمۈلگەن تۇپراقتىن مەڭگۈلۈك
جەننەت ئۈنىدۇ، بىزنى ئىككى دۇنيادا باغرىغا باسىدىغان ۋەتەن ئۈنىدۇ، مەڭگۈ ئۆلمەس دۆلىتىم تىرىلىدۇ!
دېگەن ئەقىدەنى باغرىغا بېسىپ چىقىدۇ.
ئاتا مىراس زېمىنىدىن، ئانىسى ئېغىزلاندۇرغان تىلىدىن، ئەجدادى بەرپا قىلغان ماكانىدىن ۋاز كەچكەن،
گۈپۈلدەپ ئۇيغۇر پۇراپ تۇرۇدىغان يېرىدىن تانغانلاردىن مۇرەسسەسىز ئۆچمەنلىكنى، شەرتسىز
قىساسنى، ئەنتىنى ئالماي ئۆلمەيدىغان روھنى كۈتكىلى بولمايدىكەن. كۆزىتىشىمچە بۇ مېنىڭ ئانا تۇپرىقىم،
يۆلەنچۈكۈم ئېلىم، بىباھا تىلىم، ئەزىز مىللىتىم دەپ ياشاش نەپىس ئاۋارەسى ساياقلارغا، قورساققا قۇل
ياياقلارغا نىسىپ بولمايدىكەن. قىساسكارلىق تېنى ئايرىلسىمۇ روھى ئىسسىق زېمىنىدىن ئايرىلمىغان
ئەزىمەتلەرنىڭ، قەددى تەڭرىتاغدەك تىك، غۇرۇرى بوغدا ئاتامدەك ئۈستۈن، ئۈمىدى تارىمدەك
ئۈزۈلمەسلەرنىڭ پەزىلىتى ئىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇردا جىھاتچىلىق، ئاتالمىش ئەسەبىيلىك يوق دېسەم بەزى ئەجنەبىيلەر دېيىشى مۇمكىن،
ئۇلار سۈرىيەدىكى كورت مەمۇرىيەت رايۇنىدىكى لاگىرلاردا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئايال جىھاتچى ياكى
مۇجاھىدەلەرنى ئەسەبىيلەر ئەمەسمۇ؟ دېيىشىمۇ مۇمكىن. مەنچە ئەمەس! ئۇلارنى مۇسۇلمان ئەلدە ياشاش
ئىشتىياقى ئازدۇرغان، ئىنسان بىدىكلىرى سېتىۋەتكەن. ئاياللارنى ئەرلەر باشلاپ چىققان، ئۇلار ئۇ
يەرلەرگە نامازنى جايىدا ئوقۇپ، دىنى ھاياتنى توسقۇنسىز ياشىغىلى چىققان. ئۇرۇشقا چىققان مۇجاھىت
دېگەن ئۆيىدىكى خوتۇن بالا، قېيىن ئاتا- قېيىن ئانا توڭ ھەممىنى كەينىگە سېلىپ چىقمايدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇردا ئەسەبىيلىك يوق! دېسەم بەزى ئۇيغۇرلار قوشۇلمايدۇ. ئۇلارچە مېنىڭ «ئۇيغۇر
بۇلاق» دېگەن كىتابىمنى «مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقارغان» دېگەنلەر ئەسەبىيلەر ئىكەن. ئۇلارنى قانۇنغا
ئەرىز قىلىپ جازالىتىشىم كېرەك ئىكەن. بولمىسا كېيىنكى كىتاپلارنى چىقىرىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ھەتتا شۇ پەتىۋا سەۋەپلىك، مېنى قەتلى قىلىدىغانلار چىقىشى، ھاياتىمغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەن كىتابىمنى دىنسىزلىق تەشۋىقاتى دېگەن «ئەسەبىيلەر»نى ئەرز قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. مەنچە
ئۇلارنى ئەسەبىيلەر ئەمەس، ئەسىكىلەر دېيىش كېرەك. ئۇنداق ئەسكىلىك، پەسلىك ھەممە مىللەتتە بار.
بىزدىكى پەسلىك دىنغا ئورۇنىۋالغان. مېنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىم ئەسەبىيلەر ھۇجۇم قىلىدىغان كىتاپ
يېزىشىم ئەمەس، بەلكى بىكارغا كىتاپ يېزىپ تارقىتىشىم، رامىزاندا ساۋاپقا ئېرىشمەك ئۈچۈن بىر قانچە
كىتابىمنىڭ ئېلكترونلۇق نۇسخاسىنى بىراقلا ھەقسىز جامائەتكە سۇنغانلىقىم ئىدى.
توردا بىكارلىق كىتاپ تارقىتىپ بۇرنۇمغا سۇ كىرگەن بولغاچقا شۇندىن كېيىن چىققان 7 كىتابىمنى توردا
ھەقسىز تارقاتمىدىم. ئۇلارمۇ ھۇجۇم قىلمىدى. چۈنكى دوستلار ئەسەبىي دەۋاتقانلاردا ئىسسىق ئۆيدىن
چىقىپ، كىتاپخاناغا پۇلغا كىرا قىلىپ بېرىپ، كىتابىمنى سېتىپ ئېلىپ، قۇرمۇ قۇر ئىنچىكىلەپ مېنى يەنە
دىنسىزغا چىقىرىدىغان سەمىمىيەت يوق ئىدى. ئۇلار پۇل كەتمەيدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىنى قىلاتتى. ھەق
تۆلىمەيدىغان ھاقارەتلەرگە ماھىر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكى پەقەتلا ئىچ پۇشقىنى چىقىرىدىغان ساختا
ئەسەبىيلىك ئىدى. ئەگەر ساختلىق بولمىغان بولسا، ماڭا بولغان نەپرىتىدە، مېنىڭ «دىنغا قارشى»لىقىمغا
بولغان ئۆچمەنلىكىدە راستچىل بولغان بولسا ئىدى، بىر كىتابىمدىن شۇنچە چاتاقنى تاپالىغان ئارقا ئارقىدىن
چىققان يەتتە پارچە كىتابىمنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن يەتمىش مىڭ پارچە دىنغا قارشى «پاكىت» تېپىپ، مىسال
ئېلىپ مېنى مات قىلغان بولاتتى.
ئەگەر ئۇلار مېنى «ئىسلامنى ھاقارەتلىدى»، دېگەن سۆزىدە راستچىل بولغان بولسا ئىدى، ئالدىمغا
كېلىپ مەندەك كىشىلەرنى، بولۇپمۇ بالىلارنى «زالالەت»كە باشلاۋاتقان، ئۇلارچە دىندىن چىققان
«مۇرتەت»كە بىر تەستەك سالالمىسىمۇ بىرنى ئالايغان بولاتتى. ئەكسىنچە شۇ كىتابىمنى تەنقىتلەشتە
زەربىدارلىق، ئۈلگىلىك رول ئوينىغان، تورنىڭ ھىچ بىر يېرىدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى، رەسىمىنى، كىملىكىنى
تاپىقىلى بولمايدىغان، ئەمما مەندەك يېقىنلارغا ئەسلى كىملىكى كۈندەك رۇشەن بولغان، ئاجايىپ
«ئەسەبىي»لەرنىڭ بىرى بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشتۈم. تەكلىپ بىلەن ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، چىرايلىق سالام
قىلىپ بىر داستىخاندا ئوخشىغان ئۈژمىسىدىن قانغىچە يەپ كەلدىم.
ئۇيغۇردا ئەسەبىيلىك يوق دەپ يۈرسەم، بۈگۈنكى سۆھبەتتە بىر توپ يېقىن يورۇقلار قوشۇلمىدى.
ئۇلارچە ئۇيغۇردا دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن دىنسىزلىق ئەسەبىيلىكى تەڭلا مەۋجۇت ئىكەن. ئۇلارچە
نورۋېگىيەدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىشى بىر خىل ئەسەبىيلىك بولسا، يەنە بىر
ئۇيغۇرنىڭ قوراللىق جىھاتنى تەرغىپ قىلىشى يەنە بىر خىل ئەسەبىيلىك ئىكەن.
مەن بۇ قاراشنىمۇ توغرا دەپ قارىمايمەن. چۈنكى دىنسىزلىقنى بازارغا سالغان، دىنسىزلىقنى تەشەببۇس
قىلىدىغان ئۇ كىشى بىر ئەسەبىي دىنسىز ئەمەس، تادان دىنسىز، خۇپسەن، بىخەتەر دىنسىز. ئەگەر ئۇ ھەقىقى
ئۇيغۇرپەرۋەر، ئۇيغۇرلۇقنى بارلىق ساماۋىي دىنلاردىن ئۈستۈن كۆرگەن بولسا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى
تۇتۇشتا پايدىلىنىۋاتقان تىك توكنى ئىشلىتىپ دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلمىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇ قورقماس
تۇمارىسنىڭ، يۈرەكلىك ئوغۇزخاننىڭ، سادىر پالۋاننىڭ، غېنى باتۇرنىڭ نەسلى بولغان بولسا، توردا
دىنسىزلارنى تەنقىت قىلالمايدىغان ۋەتەنگە قارىتىپ تەرغىبات قىلمايتتى. خىتاي چىقارغان تىك توكتا،
خىتاينىڭ زەنجىرى بىلەن پۇت قولى باغلانغان، ئاغزى بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرغا،
خىتايلارنىڭ ئىشتاھاسىغا ماس كەلتۈرۈپ دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئادەمنى خۇپسەن، تادان دېمەي
قانداقمۇ ئەسەبىي دېگىلى بولىدۇ؟
نورۋېگىيەدىكى جايىدا، ئىسسىق يېرىدە ئولتۇرۇپ، «دىنىمغا تىل تەككۈزسەك ھەددىڭنى بىلدۈرىمەن،
جىھات قىلىمەن،. بىزگە جىھاتتىىن باشقىسى بىكار» دېگەن ئادەمنى قانداقمۇ ئەسەبىي دېگىلى بولىدۇ؟
تاپالمامسەن شۇ دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئۆيىنى، تېلىفون نومۇرىنى؟ بىرسىگە ھەددىنى بىلدۈرىدىغان مەردانە
مۇجاھىت بولساڭ بىزگە دەپ بېرەمسەن؟ بىز بىللە قىلىشىپ بېرەيلى دېسەك قوشناڭ بولمىساق؟ بىرىگە
ھەددىنى بىلدۈرىدىغان ئادەم توردا ۋاقىراپ تۇرۇپ ھەد بىلدۈرەمدۇ؟ ئەسەبىي دېگەن تورغا چىقىپ،
كارنىيىنى كېرىپ «جىھات قىلايلى!» دەپ ۋارقىرىمايدۇ. جىھات قىلىدىغان ئادەم توردا دەپ يۈرمەيدۇ.
ئۇنداق كاتتا پىلانى بار ھىچ بىر ئادەم جاھانغا جار سالمايدۇ. جىھات قىلايلى دەپ ۋارقىرىغان، چاۋاك
ئالغان، بارىكاللا ئالغاننىڭ ھىچ بىرى جىھات قىلمايدۇ.
گاھى ئوقۇرمەن دوستلار ئۇيغۇردا كوللىكتىپ دىنىي ئەسەبىي، ئاممىۋىي دىنسىز ئەسەبىيلەر بولمىغان بىلەن
شەخسىي ئەسەبىيلەر بار دەپ چىڭ تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلارچە كەچكىچە ئۇيغۇر داۋاسىنى پىت بازىرىغا
ئايلاندۇردىغانلارنى شەخسىي ئەسەبىي دەيمىزكەن. ئۇلارچە ئۇنداق ئەسەبىيلەر ساراڭ، كاللىدىن كەتكەن،
ئەقلىدىن ئازغان كىشىلەركەن. مەنچە بىزدە ئۇنداقلارنىڭ بەزىسى راست ساراڭدۇ، ئەمما كۆپىنچە شەخسىي
ئەسەبىي كۆرۈنگەنلەرمۇ ساختىپەز ساراڭ. ئەگەر ئۇلارراستچىل ساراڭ بولسا كۆزى كۆرگەننى تىللايدۇ.
قولى تۇتقاننى چاقىدۇ. چىشىغا چىققاننى قاسايدۇ. ئەمما بىزدە ساراڭ، ئەسەبىي دېيىلگەنلەرمۇ يالغانچى.
ئۇلارنىڭ ساراڭلىقى يۈكسەك تاللاشچانلىققا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ساراڭ چىشى خىتايغا ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ
ئەسەبىي زۇۋانى خىتاينى تىللاشقا پېتىنالمايدۇ. ئۇلار كىم خىتايغا ئەڭ كەسكىن قارشى بولسا، قايسى
تەشكىلات ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇلسا شۇلارنى تالايدۇ. ئۇلاردا
شەرتسىز ساراڭلىق، تاللاشسىز تەلۋىلىك، مۇرەسسەسىز ئەسەبىيلىكمۇ تېپىلمايدۇ
مەنچە ئۇيغۇرنىڭ مەزمۇت يۈرىكىدە، مۇستەھكەم ئىرادەسىدە ئەسەبىيلىك يوق، ئەمما ئۇيغۇرلاردىمۇ
بارلىق مىللەتتىكىگە ئوخشاش ئەسكى كىشىلەر بار. مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇردا دىنىي ئەسەبىيلىكمۇ يوق،
دىنسىزلىق ئەسەبىيلىكىمۇ يوق، ھەتتا دىن ۋە دىنسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق ئەسەبىيلىكلەرمۇ
ئومۇملاشمىغان. مۇھاجىرەتتە بىر قىسىملارنىڭ جىھات تەرغىپ قىلىنغان سىنلارنى كۆرۈشى، «خىتايغا
قارشى جىھات قىلىمىز! دۈشمەننى قوراللىق قوغلاپ چىقارمىساق بىكار» دېگەن ھاياياجانلىق نۇتۇقلارنى
نەچچە يۈزلەپ تارقىتىشى بىكارلىق مەددالىقنى كۆرگەندەك بىر ئىچ پۇشقى خالاس.
قېنى كىمنىڭ ئېسىدە مېنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇن «ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئومۇمى يۈزلۈك قىساس ئېلىشى
مۇمكىن» دېگەن يازمام بار؟ مەندىن باشقا ھىچكىمنىڭ ئېىسىدە يوق. شۇ چاغدا يېقىنلار ماڭا تېلفون قىلىپ
ئولتارغۇزمىغان ئىدى. ئۇلار «سەن ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىيلىككە تەشۋىق قىلدىڭ، چاتاق چىقىدۇ» دېيىشىپ
كەتكەن. ئۇلار ياخشى نىيەت بىلەن يازمامنى ئۆچۈرگۈزگەن ئىدى. ئۇلارچە مېنىڭ چاقىرىق كۈچۈم
ئالامەت ئېمىش، مېنىڭ قەلىمىم ئۇيغۇرلارنى جاندىن كەچكۈرۈزۈپ ئەسەبىي قىساسكار، مۇرەسسەسىز
جىھاتچى قىلىۋېتەرمىش. شۇنداق بولدىمۇ؟ ياق! مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئومۇمىيۈزلۈك قىساس
ئالمايدىغانلىقىنىڭ، قۇتراتقانغا قۇترىمايدىغانلىقىنىڭ، قولغا قورال چىققان تەقدىردىمۇ خىتايغا قارشى «دىنىي
ئەسەبىيلىك» قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، نەپرەتلىنىش
دولقۇنى، قىساسكارلىق تەدبىرى بولۇپ باقمىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قوراللىقلارمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق
ئومۇمىيۈزلۈك باشلانغان 2017-يىلدىن كېيىن بىر رەتمۇ تېرورلۇق ھۇجۇم قىلمىدى. مەنچە بۇ
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ بولمىغان يەردە، خىتاي بېسىۋالمىغان يات توپراقتا، خىتاي تاجاۋۇز قىلمىغان
شارائىتتا، خىتاي بوزەك قىلمايدىغان چەتئەللەردە خىتايغا قوراللىق قارىشىلىق قىلمايدىغانلىقىنىڭ، پۇقرا
خىتايلاردىن ئۆچ ئالمايدىغانلىقىنىڭ، ئاۋام خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى نىشان قىلغان زوراۋانلىقلارنى
قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.
«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا جىھاتچىلىق بارمۇ» دېگەن يازمامدىكى ھۆكۈم خاتا بولدى، جىھاتچىلىق يوق
چىقتى. «ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئومۇميۈزلۈك قىساس ئېلىشى مۇمكىن» دېگەن پەرىزىممۇ ئەمەلىيەت
ئارقىلىق ئىسپاتلانمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇردا دىنغا مايىللىق كۈچلۈك،
دىنى ئەسەرلەرگە تەشنالىق يۈكسەك، دىنىي ھاياتقا تەلپۈنۈش يۇقۇرى، ئەمما خىتايغا قارشى جىھاتچىلىق
ئەمەلىيەتى، قىساسكارلىق تەبىرى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە زېمىنىنى بېسىۋالمىغان، بىۋاستە زۇلۇم
قىلمىغان خىتاي بىلەن ھىچ بىر زىددىيىتى يوق. ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە بىرمۇ خىتاينىڭ بۇرنىنى قاناتمىغانلىقى،
مېلىغا، نومۇسىغا، جېنىغا چېقىلمىغانلىقى ئۇيغۇرنىڭ يېرىنى بېسىۋالمىغان خىتايلاردىن ئۆچ
ئالمايدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ھەرگىز خىتايغا قارشى دىنىي ئەسەبىيلىك قىلمايدۇ،
خىتاي بېسىۋالمىغان زېمىندا قان تۆكمەيدۇ، خىتاي تارتىپ ئالمىغان يەردە تىنچ خىتايلارغا قارشى ئۇرۇش
جىدەل قىلمايدۇ. پەقەتلا سانى يۈزگە يەتمەيدىغان ئەسكىلەر، ساختا ساراڭلار، بېيجىڭغا باغلانغان
تاماشاچىلار ئەسەبىيلىك خۇمارى تۇتۇپ قالسا، تورلاردا دىنىي كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ، دىننى قوغداش
شاۋقۇنى چىقىرىدۇ، ئىچى پۇشقاندا تىنچ مۇھاجىرەت جەمئىيىتىگە چالما تاشلاپ چالغىتىپ ئوينايدۇ.