نيۇ-يوركتا 18ياشلىق ئاق تەنلىك ئىرقچى 10 ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئاتىدى. فوكس خەۋەرلىرى كۈشكۈرتكۈچى دەپ قارالدى.

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-ماي

شەنبە كۈنى 18 ياشلىق (Payton S. Gendron ) نيۇ-يورك شتاتى بالفولو شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىغا بۆسۈپ كېرىپ ئون ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر دېگۈدەك قارا تەنلىك.

مەزكۇر قاتىل ۋەقە سادىر قىلىشتىن بۇرۇن 180 بەتلىك بىر خاتىرە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئامېرىكىنى ئاق تەنلىك بولمىغانلار قاپلاپ كەتتى،ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئىگىلەپ كېتىۋاتىدۇ» دەيدىغان ئىرقچى نەزەرىيەنى ياقىلايدىغان بايانلار كۆپلەپ تىلغا ئىلىنغان.

تاراتقۇلار ۋە پائالىيەتچىلەر مەزكۇر ئاق تەنلىك ئىرقچىلىق سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بىرى بولغان فوكس خەۋەرلىرىنىڭ تەقرىزچىسى تاكىر كارلسوننى باش جىنايەتچى دەپ قاراپ ئەيىبلىمەكتە، نۆۋەتتە ئاق تەنلىك ئىرقچىلىق نەزەرىيەسىگە ئورۇن بېرىپ كېلىۋاتقان فوكس خەۋەرلىرى ھەققىدە ئەرز-شىكايەت كۆپەيگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن مەزكۇر ۋەقەنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلىدى.

قاتىل پايتون 2019-يىلى ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش نىيىتىنى يازغان، مەن قاتىللىق قىلىمەن دېگەن. 2021-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشى بولغانلىقتىن روھى كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. ئەمما روھى كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان تۇرۇقلۇق قورال ئالالىغان. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا قاتىللىق ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كالىفورنىيەدە بىر خىتاي تەيۋەنلىكلەر چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن، سەۋەبى تەيۋەنگە بولغان ئۆچمەنلىك ئىكەن

سە ماي 17 , 2022
كالىفورنىيەدە بىر خىتاي تەيۋەنلىكلەر چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن، سەۋەبى تەيۋەنگە بولغان ئۆچمەنلىك ئىكەن

You May Like