مۇستەقىللىق ۋە پارىژ (شەرقى تۈركستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قۇرۇلۇش مۇراسمى ئۇقتۇرۇشى)

ق ۋە پارىژ زالىم خىتاينىڭ يىللاردىن بىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرى ئاخىرقى ھىساپتا بۇ مىللەتنى ئويغاتقان بولسا، رىئال مەۋجۇدلۇقلار بۇ ئويغۇنۇشقا سەلبى ياكى يۈزەكى تەسىر بىرىپ كەلمەكتە. دەۋا يولىدىكى قاتماللىق، 20- 30 يىل ئىلگىرىكى دەۋا ئۇسۇللىرى ۋە چېچىلاڭغۇلۇقلار ئويغانغان ۋە ئويغىنىۋاتقان خەلقنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كەلمەكتە

مۇستەقىللىق ۋە پارىژ زالىم خىتاينىڭ يىللاردىن بىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرى ئاخىرقى ھىساپتا بۇ مىللەتنى ئويغاتقان بولسا، رىئال مەۋجۇدلۇقلار بۇ ئويغۇنۇشقا سەلبى ياكى يۈزەكى تەسىر بىرىپ كەلمەكتە. دەۋا يولىدىكى قاتماللىق، 20- 30 يىل ئىلگىرىكى دەۋا ئۇسۇللىرى ۋە چېچىلاڭغۇلۇقلار ئويغانغان ۋە ئويغىنىۋاتقان خەلقنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا سۆرەپ كەلمەكتە. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەننىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۆز مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مۈستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ دەۋانىڭ خەلق قەلبىدىكى جاراڭلىق ساداسى، ئوت ئىچىدە قىلدەك تولغۇنىۋاتقان ئوت يۈرەك پىداكارلارنى دەس تۇرۇشقا ئۈندەپ، ھەق يولىدا ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ دەۋرى ۋە سائىتى يىتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. دەۋىر تەقەززاسى، مۇھاجىرەتتىكى قەلبى يارىلانغان خەلقنىڭ ساداسى، ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈستىدىن كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇم ۋە قىرغىن قىلىنىشلار، ئىنتايىن قىسقا مەزگىلدە ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتنى يەر يۈزىدىن بىر پۈتۈن يوق قىلىۋىتىشتىن ئىبارەت قەبىھ ۋە رەزىل مەقسەتلەرنىڭ دۇنيا ئالدىدا ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلىشلىرىدەك بىر قاتار ئەھۋاللار، بىر ئىككى قېتىملىق سۈلھى ۋە يارىشىپ قېلىش، لاگىرلارنى تاقىتىش ياكى بەزى ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلىنىش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىدىن ئىبارەت سىياسى، دېپلۇماتىيە ۋە تولۇق ئېگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت تەلەپ قىلىنىشى كىرەكلىكى ئۆز رىئاللىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەر بىر كىشىگە ئاشكارا ھەقىقەت بولۇپ تونۇلدى. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ رىئاللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بىزدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ مەسۇم كۆزلىرىدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش، دەۋىر ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئاقلاش، تارىخ ئالدىدىكى ئامانىتىمىزنى قارار تاپقۇزۇش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» دىن ئىبارەت باش ۋە ئاخىرقى نىشاننى چىقىش قىلغان يېڭى بىر سىياسى ئورگاننى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەدەم ئېلىندى. ئۇنداقتا بۇ يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان سىياسى ئورگان نىمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئەقلى ئويغاق بولغان ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ بارلىق قىلمىش، ئەتمىشلىرىنى ۋە بىزنى مىللەت سۈپىتىدە تۈپتىن يوق قىلمىغۇچە بولدى قىلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت رەزىل مەقسىدىنى تونۇپ يەتتۇق. دۈشمەننىڭ بۇ سۈيقەستلىرىدىن ۋە بۇ سۈيقەستلىك پىلانلىرىدىن ئۆز مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن بىر يولى پەقەت مۇستەقىللىق. بۇ ھېچقانداق مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان رىئال ھەقىقەت. 20- 30 يىلدىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەزى مۆتىدىل ياكى يۇمشاق دەۋا تەرەپدارلىرىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقلىرى بىزگە بۇنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىزنى مۇستەقىللىقتىن باشقا يول قۇتقۇزالمايدۇ، مۇستەقىللىقتىن باشقا يول بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىزنى ، ئىززەت ئابرۇيىمىزنى ، ئىنسانى قىممەتلىرىمىزنى شۇنىڭدەك ئەقەللى ياشاش ھوقۇقلىرىمىزنىڭ ھېچ بىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. مۇستەقىللىقتىن باشقا يول خىتاينىڭ ھېلە-مېكىرلىرى ۋە سۈيقەستلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى ھۆرلىكىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن مەسىلىلەرگە جىددى قاراپ، دەۋا قەدىمىنى تىزلىتىش، دوگما ۋە قېتىپ قالغان دەۋا ئۇسۇلىدا ئىجابى ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى زىيالىلار، دىنى ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار، ئىقتىدار ئىگىلىرى ۋە دەۋا سىپىدىكى ئاۋانگارتلاردىن تەشكىللەنگەن مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا توپلىنىشىنى قارار قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسى، يېڭى قىياپەت بىلەن يېڭى بىر سىياسى ئورگاننى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھەركەت مىزانى، يۆنىلىشى ۋە پائالىيەتلىرىدە يېڭىچە بىر ئىجابى دەۋا يولىنى ئېچىش. يېڭى مەيدانغا كىلىدىغان بۇ سىياسى ئورگان ، مەۋجۇت تەشكىلات ۋە باشقا ئىجتىمائى جەمئىيەتلەردىن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوقتىلاردا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. . 1. ھەر قانداق بىر سىياسى كۈچنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش پائالىيەت ئېلىپ بارالىشى، سىياسى مەيدانلاردا ئۆز مەۋقەسىنى دادىل ساقلاپ قالالىشى، باشقىلارنىڭ خەرىتىسىگە ئەگەشكۈچى بولۇپ قالماسلىقى ، يىغىپ ئېيتقاندا باشقا مەۋجۇد سىياسى كۈچلەرنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئىقتىسادى مەنبە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئىقتىسادتا ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالغان، ياكى ئىقتىسادى ئاساسى باشقا سىياسى، ئىجتىمائى كۈچلەر ۋە شەخىسلەر تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورگان تەبئى ھالدا شۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ يول تۇتىدۇ. نىشانغا يىتىشتىكى ئۇسۇل ۋە پائالىيەتلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قىسمەن بولسىمۇ شۇلارنىڭ يول خەرىتىسىدىن ئۈلگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۆزلىرى خالىمىغان ھالدا ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولمىغان تار كوچىلاردا ھەركەت قىلىپ قالىدۇ. ھالقىلىق غايە، نىشان ۋە ئاساسى مەۋقەگە تەسىر كۆرىسىتدىغان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، يېڭى مەيدانغا كىلىدىغان بۇ سىياسى ئورگان ئۆزى مۇستەقىل ھالدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا خاس بولغان يېڭىچە بىر ئىقتىسادى مەنبە ھاسىل قىلىشنى ئاساسلىق خىزمەت نىشانلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا خاس بولغان بۇ ئىقتىسادى مەنبە قانداقتۇر بىرەر شەخىس ياكى كوللىكتىپ ۋە جەمىئىيەتلەرنى ئاساس قىلماستىن بەلكى، ئۆز ئىقتىدارى ۋە كۈچىگە، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا، تىجارەت ۋە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. . 2. مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈش. بۇ يېڭى سىياسى ئورگان ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا ، مۇستەقىل لاھىيە ۋە قەدەم باسقۇچلۇق پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۈز بەرگەن سىياسى مەسىلىلەرنى زىرەكلىك بىلەن دەل ۋاقتىدا بايقاپ ، دەل ۋاقتىدا مەسىلىگە مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىلىرى بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ رىئال ھاياتى بۇنى جىددى تەقەززا قىلماقتا. .3. مەۋجۇت تەشكىلات ۋە ئىجتىمائى جەمئىيەتلەر، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن مۇستەھكەم بىرلىك ۋە ھەمكارلىق بېغى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم مىللى بىرلىك سىپى ھاسىل قىلىش. مىللى دەۋا ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى سىياسى پائالىيەتلەرگە سەلبى تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق مۇئامىلە ۋە ئامىللارنى ئارقىغا چۆرۈپ، تاشلاپ ئاكتىپلىق بىلەن قۇچاق ئېچىپ، ئورتاق نوقتىلارنى كۆپەيتىش. .4. كەڭ زىيالىلار قاتلىمى ۋە دىنى ساھەدىكى قەلبى ئويغاق ئىقتىدار ئىگىلىرىگە مىللەت ، ۋەتەن ، دىن ئۈچۈن دادىل خىزمەت قىلالايدىغان شەرت- شارائىت ۋە ئەۋزەللىكلەرنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە يارىتىپ، ئۇلارغا مىللەتنى توغرا ئەقىدە، توغرا نىشان يۆنىلىشىدە تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش پۇرسىتى بىرىپ، دەۋا سەپلىرىدە ئۇلارغا ئالاھىدە ئورۇن بىرىش. بىز ھازىرقى رىئال مەۋجۇدلىقىمىزنى ۋە دۇنيا سىياسىتىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، خىتاي تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخى جىنايەتلىرى بىز ئۈچۈن تارىخى بىر پۇرسەت يارىتىپ بىرىۋاتقانلىقىنى، چەكتىن ئاشقان زۇلۇم، قەتلىئام ۋە لاگىرلار مەسىلىسى خەلقىمىزنى بىر پۈتۈن ئويغىتىش بىلەن بىرگە، دۇنيا جامائىتىگىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنىڭ مۇستەقىللىق دەۋايىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئىشىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. كۈندىن كۈنگە قىستاپ كىلىۋاتقان يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىدە ئۆز ئورنىمىزنى تېپىش، ۋە ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا جاۋاپ بىرىش، پىداكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭى باسقۇچلۇق پىلانلار بىلەن ھەركەت قىلىش، بىزدىن جىددى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ جاۋابى ۋە يول خەرىتىسى 2018- يىلى 27- سىنتەبىر كۈنى پارىژدىكى ھەر ساھە ئىقتىساس ئىگىلىرى توپلانغان مەيداندىن، مەزلۇم خەلقنىڭ يۈرىكىگە بىر ئاز بولسىمۇ شىپا ۋە تەسسەللى سۈپىتىدە سۇنىلىدۇ ئىنشەاللە.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇمىغا غەلتە ھالدا سۈكۈتتە تۇرۋالماقتا!

يە سېنتەبىر 30 , 2018
ماقالىنىڭ ئاساسي مەزمۇنى : بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يوقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىقىپ كىلۋاتاتتى .لىكىن ھازىر تۈرك مىدىياسى ، خەلقى ۋە ھۆكىمىتى سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا. نەچچە ھەپتىدىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان شىنجاڭ رايۇنى ( شەرقىي تۇركستان ) دا بىر مىليۇن ئۇيغۇرغا يۈرگۈزۈۋاتقان سېستملىق باستۇرۇش ھەركىتنى تەنقىدلەيدىغان خەۋەرلەر ناھايتى كەڭ دائىردە ئىلان قىلندى ۋە كۈپىنچىسى

You May Like