تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ئەگەر كىشلىك مۇناسۋەتتە رىشتە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئسلاھ قىلمىساق، كەسپى مۇناسۋەت ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەردىلا ئالاقە قىلىدىغان فۇنكسىيەلىك يەنى مەقسەتلىك مۇناسۋەتكىلا مەركەزلىشمىز، ئارىمىزدىكى ئنسانى باغلىنىش تۈگەيدۇ.
ئۆتكەن 7-8 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدا كۆزىتىپ، كۆپ قسم ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئۆز-ئارا ساغلام ۋە كۈچلۈك رشتە قۇرۇلمىغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. كۆپىنچە مۇناسۋەت ناھايتى ئەۋرىشىم ۋە نازۇك بولۇپ، نىپىز قەغەزگە ئوخشاش، ھىچقانداق سناققا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.خالىغان چاغدا يېرتىلىدۇ ياكى ئاياقلىشدۇ.
قارىماققا شۇنداق يېقىن ئۆتۈۋاتقان كىشلەر تۇيۇقسزلا يوقاپ كېتىدۇ، رەسملەرگە ئالامەت چىرايلىق چۈشۈشكەن، ھەممەيلەن «بۇلار دوست، سەپداش، مەڭگۈلۈك قىرىنداش» دىيشكەن كىشلەر تۇيۇقسزلا رەقىبكە ئايلىنپ قالىدۇ.
كەلگۈسى ھەققىدە يۈكسەك غايە ۋە ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن كاتتا ئشلارنى قىلىمىز!» دەپ ۋەدە بىرىشكەنلەر -بىرەر مەسلىدە پىكرى ئوخشمىغانلىقى ئۈچۈن، ياكى ئۆزى ياقتۇرمىغان ئادەتتىكى بىر ئش سەۋەبلىك، ئادا-جۇدا بولىدۇ.
بۇلار شەخسى دوسلۇق، سياسى سەپداشلىق، ئاممىۋى ھەمكارلىق ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەگەر سز ئوبدان بىر كۆزەتكۈچى بولسڭىز، سەھنىلەردە ئاپاق-چاپاق كۆرۈنگەنلەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئاپاق-چاپاقدىشنى غاجاپ ، كۈكۈم-تالقان قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، «يا پاناھ »پ ياقىڭىزنى چىشلەيسز.
بەزى ئاياقلاشقان مۇناسۋەتلەر-چىرايلىق ۋە دوستانە شەكىلدە ئەمەس، ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا سەت ۋە غالجىرلارچە ئاياقلاشقانلىرىمۇ بولدى.
بەلكىم بۇنىڭ ئوخشمىغان كىشلەردە ئوخشمىغان سەۋەبلىرى بار بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئورتاق سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، كىشلەر ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى يتەرلىك چۈشەنمىگەنلىكىدىن كىلىپ چىققان، مەن زادى نىمىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىمەن؟بۇ ئالاقە-مۇناسۋەتتە مەن نىمىلەرنى بىرەلەيمەن؟ ھەم باشقىلاردىن نىمىلەرنى كۈتىمەن؟ بۇ ئالاقە-دوسلۇقۇم ۋاقىتلىق بىرەر مەقسەت ئۈچۈنمۇ ؟ بۇلارنى ئويلانماي، ئالدىراپ قارار بىرىدۇ. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ -باشقىلاردىن ئارتۇق تەمەدە بولىدۇ، ئەمما ئۆزى بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ، باشقىلاردىن رەنجىيدۇ،ئەمما ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ.
ھەقىقى مۇناسۋەتنى چىڭ تۇتۇپ تۇتىدىغان نەرسە نىمە؟
ئاممىۋى مۇناسۋەت مۇتەخەسسلىرى بىر مۇناسۋەتنى پۇختا تۇتۇپ تۇتىدىغان نەرسلەرگە تۆۋەندىكىلەرنى تىزغان:
1-ئشەنچ ۋە سەمىمىيەت (يالغانچلىق قىلماسلىق ، گۇمان قىلماسلىق) 2-دائىملىق ئالاقە ۋە سۆھبەتلىشپ تۇرۇش (غۇم ساقلىماي، قورساقتىكى گەپنى ۋاقتىدا دىيش ) 3-ئۆز-ئارا ھۈرمەت قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىش (بەسلەشمەسلىك ، بىر-بىرىگە چوڭچىلىق قىلماسلىق)4-ئورتاق ئارزۇسى بولۇش (بىرى تاغدىن بىرى باغدىن چىقسا مۇناسۋەت قۇرۇلمايدۇ) 5-ھسيات جەھەتتە قوللاش (مەغلۇبىيتىگە داپ چالماي، كۆڭۈل قويۇش،ئىلھام بىرەلەيدىغان بولۇش) 6-ماسلىشش ۋە ھەمكارلىق (ئشلاردا ئۆزىنىڭ گىپىدىلا جاھىللىق قىلماي،قارشى تەرەپ بىلەن ماسلىششنى بىلىش ) 7-زىدىيەتنى كونتىرۇل قىلىشنى بىلىش (كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق تۇغۇلسا، چاپاننى تاشلاپ،ئادا-جۇدا بولماي، مەسلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشنى بىلىش )8-ئىزچىللىق ۋە تىرىشچانلىق قىلىش (مۇناسۋەتتە ئۆزىنىلا ئويلىماي، قارشى تەرەپنىمۇ ئويلاش، بىر تەرەپلا بەدەل تۆلىسە، تىرىشچانلىق قىلسا، قارشى تەرەپ تىرشمىسا، ئالاقە تۈگەيدۇ، چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.)
بىز-بىر-بىرىمىزگە مۇھتاج. ئەمما ئۆزىنى ئسلاھ قىلمايدىغان، ئۆگەنمەيدىغان، ئۆزى ۋە باشقىلارغا ئىجابى، پايدىلىق ئشلاردىن كۆرە، يامانلىق ۋە زىيانلىق ئشلاردا بولىدىغان دوسلۇق ۋە ئالاقىگە ئھىتىياجىمىز يوق.ئۆزىنى ئاسماندا، باشقىلارنى يەردە كۆرىدىغانلار بىلەن كىلىشمەك تېخىمۇ تەس. شەخسيەتچى، ھەسەتخور، قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلارغا تېخىمۇ ئىھتىياجىمىز يوق. قەدىمكى ئەدەبىياتلاردا، دوسلۇق-بىر خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشتىلغان، ئۇ گۈل ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ خۇش ھىد بىرىدۇ. بىز دوسلۇقىمىزنىڭ ئاساسنى قايتا ئويلىنىدىغان دەۋرگە كەلدۇق.
ئەگەر كىشلىك مۇناسۋەتتە رىشتە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئسلاھ قىلمىساق، كەسپى مۇناسۋەت ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەردىلا ئالاقە قىلىدىغان فۇنكسىيەلىك يەنى مەقسەتلىك مۇناسۋەتكىلا مەركەزلىشمىز، ئارىمىزدىكى ئنسانى باغلىنىش تۈگەيدۇ.