مېھىر يەتكۈزەيلى

2022- يىلى 17- دېكابىر ئىستانبۇل سافاكۆيدە شۇنداق ئەھمىيەتلىك چاي سۆھبىتى بولدى.
2020- يىلى «توي قىلاي» (www.toykilay.com) نامىدا بىر تور بېكەت قۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان. تور بېكەتنىڭ نىشانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا خىزمەت قىلىش ئىدى…

خەدىچە ئۇيغۇر

 

2022 يىلى 17- دېكابىر ئىستانبۇل سافاكۆيدە شۇنداق ئەھمىيەتلىك چاي سۆھبىتى بولدى.

2020 يىلى «توي قىلاي» (www.toykilay.com) نامىدا بىر تور بېكەت قۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان. تور بېكەتنىڭ نىشانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا خىزمەت قىلىش ئىدى.

تور بېكەت بىر گۇرۇپپا قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن خالىسانە  قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ئۇيغۇر يېزىقى ۋە سلاۋيان يېزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يېزىقتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تارقاق ياشىغانلىقىدىن، تويدىن كېيىنكى ئائىلىنى بىر يەرگە جەم قىلىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار سەۋەپ كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش  يولىدا تاشلانغان بۇ سەمىمىي قەدەملەر كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالدى.

شۇنداقتىمۇ «ئەلچى نىكاھ گۇرۇپپىسى» دىكى پىداكار ئەپەندىلەر ۋە خانىملار قىلچە بوشاشماي، بۇ خىزمەتنى شەرەپ بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا گۇرۇپپىغا تەجرىبىلىك ئەر ۋە ئاياللاردىن يېڭى ھەيئەت ئەزالىرى قوشۇلدى. بۇ پىداكارلارنىڭ ئىچىدە ئالدى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ – تۆت خىل ئىشنىڭ ئىچىدە بولسا، ئاخىرى خىزمەت، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار.

تىزىملاتقانلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئەر نامزاتلار بولۇپ،  خانىم – قىزلارنىڭ  بەكمۇ ئاز ياكى يۇق دېيەرلىك بولۇشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسى مەسىلە بولىۋاتىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن «ئەلچى نىكاھ گۇرۇپپىسى» دىكىلەر ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئاياللاردىن يۈزدىن كۆپ مېھماننى ئالاھىدە چاقىرىپ چاي سۆھبىتى ئورۇنلاشتۇردى. مەقسەت: بۇ خەيرلىك ئىشنى قولمۇ – قول قىلىش، ئەتراپىدىكى بويتاق ياشاۋاتقان قىز – ئاياللارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ جورا تېپىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش ئىدى. سۆھبەتكە قاتناشقان مېھمانلاردىن سۆز قىلغۇچىلار خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، قولىدىن كېلىشىچە ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سورۇنغا داخىل بولغان ھەرقايسى مېھمانلار ۋە داخىل بولالمىغان باشقىلارمۇ بۇ ئەھمىيەتلىك يىغىلىشتىن بەك سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

قىممەتلىك ۋاقتىنى ئايرىپ قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەربىر ئەزىز مېھمانغا بىر دانە ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىندى. بەزى ئاياللار: «بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم تاپشۇرۇپ ئالغان ئەتىرگۈل.» دەپ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئورتاقلاشتى.

سۆھبەت پروگراممىسى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، ئاندىن «توي قىلاي» بېكىتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قانداق تىزىملىتىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلدى.

تەكلىپكە بىنائەن سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇستاز ھەبىبۇللا كۆسەنى بۇ قۇتلۇق ئىشقا يۈكسەك باھا بەردى ۋە بەزى ئۈنۈملۈك تەۋسىيەلەردە بولدى.

گۇرۇپپا ئەزالىرىمۇ قىلىۋاتقان خىزمەتكە ماس ھالدا شېئىر، قوشاق ئوقۇپ، ئىتوت ئويناپ، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەۋسىيەلىك پىكىرلەردە بولۇپ، سۆھبەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە ئەھمىيىتىنى بىر بالداق يوقۇرى كۆتۈردى.

 

ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بويتاقلار بولسا www.toykilay.com تور بېتى ئارقىلىق ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

ئىنگىلىز تىلىدىكى بىر قسم كۆپ كۆرۈلىدىغان خەۋەر تور بېكەت، رادىئو ۋە تېلېۋزىيە قاناللىرى

پە دېكابىر 22 , 2022
ئىنگىلىز تىلىدىكى بىر قسم كۆپ كۆرۈلىدىغان خەۋەر تور بېكەت، رادىئو ۋە تېلېۋزىيە قاناللىرى

You May Like