مالدىۋې خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماقچى

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ پارتىيە مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مالدىۋې يېڭى ھۆكىمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماقچى، چۈنكى بۇ كىچىككىنە دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزىشى خاتا.

رويتېرس ئاگېنلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 19 -نويابىر

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-20

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ پارتىيە مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مالدىۋې يېڭى ھۆكىمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماقچى، چۈنكى بۇ كىچىككىنە دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزىشى خاتا.

بۇ مالدىۋېنىڭ خىتايغا بولغان قاتتىق نارازىلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى بىشارەتلىرىدىن بىرى. مالدىۋې گىرۋەكلىرى پالما دەرىخى بىلەن قورشالغان مارجان ئارىلىدىكى ھەشەمەتلىك ئارامگاھى بىلەن داڭلىق.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان مالدىۋې دىموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى موھەممەد ناشىد مۇنداق دەيدۇ، «خىتاي بىلەن مالدىۋې ئارسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بۇنچىلىك زور ئىكەنلىگە كۆرە، ھېچكىم بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كىلىشىمى تۈزۈلۈشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. خىتاي بىزدىن ھېچ نەرسە سېتىۋالمايدۇ. بۇ بىر يەككە يۆنىلىشلىك كېلىشىم.»

شەنبە كۈنى، يېڭىدىن سايلانغان پرىزدىنت ئىبراھىم مۇھەممەد سالىھ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا دۆلەت خەزىنىسىنىڭ  ھېچنېمىنى قويماي» بۇلاپ » كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە دۆلىتىنىڭ خىتايدىن قەز ئالغاندىن كىيىن مالىيە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

9-ئايدىكى سايلامدا مەغلۇپ بولغان سابىق پرىزدىنت ئابدۇللاھ يامېن ئالدىنقى يىلى 12- ئايدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە بۇ ‹‹ئەركىن سودا كېلىشىمى ››نى ئىمزالىغانىدى. ئوخشاش ئايدا، ئۇ  ئۆتكىچىلەرنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىگە قارىماستىن، 1000 بەت ئاتراپىدىكى بۇ ھۆججەتنى پارلامېنتتا ھېچ مۇنازىرىسىز بىر سائەت ئىچىدىلا ماقۇللىغانىدى.

4- نۆۋەتلىك سابىق پرىزدىنت ۋە ھازىر ئىبراھىم مۇھەممەد سالىھنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان مۇھەممەد ناشىد پارلامېنتنىڭ نۆل تاموژنا بېجى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئېگە بۇلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قانۇن تۈزىتىشلىرىنى ماقۇللىمايدىغانلىقى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ناشىد رويتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىدە، » ئۇ كېلىشىم پارلامېنتا تەستىقلانغان، لېكىن ياخشى بولغىنى، ئۇ يەنە باشقا قانۇنلارنى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇ كېرەكلىك قانۇنلارنى تۈزمەيمىز.» دېدى.

خىتاينىڭ مالدىۋې پايتەختى مالېدىكى ئەلچىخانىسى بۇ سودا كېلىشمى ھەققىدىكى باياناتلارغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستېرلىقى بىر باياناتىدا، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئەۋەتىلگەن شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياسەت مىنىستېرى لو شۇگاڭ شى نىڭ مالدىۋېدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزگەن.

مالدىۋې ختاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۆي قۇرۇلۇشىغا  مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سالغان كېچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ۋە بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ بىر پارچىسى. بېيجىڭ بۇ تەشەببۇس ئارقىلىق ئاسىيانىڭ كۆپ رايۇنلىرىدا ۋە دۇنيادىكى باشقا جايلاردا سودا ۋە مەبلەغ ئايلىنىشىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لو شۇگاڭنىڭ سەيشەنبە كۈنى مالدىۋې پرىزدىنتىغا دېگەنلىرىنى نەقىل قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن، خىتاي مالدىۋې بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پىلانلاپ ، بىربەلباغ بىر يول ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىگە «يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» قوشۇشنى خالايدۇ.

بۇ باياناتتا ، ئىبراھىم مۇھەممەد سالىھنىڭ خىتاينىڭ مالدىۋېنى ئۇزاق مۇددەت قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقى ، ئۇنىڭ بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مالدىۋېدىكى تەنقىدچى ئەربابلار مۇنداق دەيدۇ، جۇڭگو باشلامچىلىقىدىكى ئۇل ئەسلىھە گۈللىنىشى  بۇ ئاران 400 نەچچە مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك دۆلەتنى قەرزگە بوغۇپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنى كۆزدە تۇتقاندا ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىقىغا كۆرە، ئەركىن سودا كېلىشىمى پەقەت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

مالدېۋى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا كۆرە، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، مالدىۋىې خىتايدىن 342 مىليون دوللار قىممىتىدە مال ئىمپورت قىلغان، ھالبۇكى خىتايغا بولغان ئېكىسپورتى ئاران 265،270 دوللار بولغان. بۇ ئارال دۆلىتى خىتايدىن گۆش ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، گۈل – گىياھ، ئۆسۈملۈك، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە ئويۇنچۇق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تاۋارلارنى سېتىۋالغان.

ئوخشاش مەزگىلدە، مالدىۋې كونا ھەمراھى ھىندىستاندىن  194 مىليون دوللارلىق مال ئىمپورت قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى ،بۇلار مىس ، ئاليۇمىن ۋە پولات _ تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئابدۇللاھ يامېن ھۆكىمىتى ئەينى ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى ،خىتاي بىلەن بولغان بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى 3.9 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ياردىمى بولىدۇ ۋە مالدىۋېنىڭ بېلىق ئېكسپورتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. بۇ تەرىپى 2014 -يىلىدىن بېرى  ياۋروپا ئىتتىپاقى مالدىۋېغا باجدا ئېتىبار بېرىشنى توختاتقاندىن  بۇيان ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالغانىدى.

خىتاي ھۆكىمىتى ئەينى چاغدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پۇل-مۇئامىلە، داۋالاش ۋە ساياھەت تۈرلىرىنىڭ ئېچىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مالدىۋېنىڭ باشقا ھېچقانداق دۆلەت بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى يوق.

ئەگەر مالدىۋې چېكىنىپ چىقسا، بۇ خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئوڭۇشسىزلىقى ھىساپلىنىدۇ. خىتاينىڭ تۈرلىرى مالايسىيادىن نىپالغىچە، ھەتتە ھەر ئەھۋالغا ماسلىشىدىغان شېرىكى پاكىستان تەرىپىدىنمۇ قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

سىرى لانكا تەكلىپ قىلىنغان بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى لاھىيىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى، سەۋەبى بولسا سىرى لانكا 10 يىلدىن كىيىن بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش تاللىشى بولىشىنى تەلەپ قىلغان ئېدى.

ئىبراھىم مۇھەممەد سالىھ ئۆتكۈنچى گۇرۇپپسىنىڭ بىر ئەزاسى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسىلىنىڭ سەزگۈرلىكى تۈپەيلى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار، «بۇنىڭ ھېچ بىر سودا ئەھمىيىتى يوق. بىز بۇنى ھەرگىز ئىستىمەيمىز، بىز ئىچكى كابېنتنىڭ يىغىن ئېچىپ بۇ ھەقتە رەسمىي قارار چىقىرىشىنى كۈتىمىز.»

يېڭى ھۆكۈمەت ئابدۇللاھ يامېن ھۆكىمىتى ئىمزالىغان سودىلارنى تەپتىش قىلىدىكەن، بىراق خىتاي شىركەتلىرىگە بەرگەن  ئايرودۇرۇمنى كېڭەيتىش ۋە تۇرالغۇ توختامىغا ئوخشاش تۈرلەرنى توختاتمايدىغان ياكى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە: https://www.reuters.com/article/us-maldives-politics-china-exclusive/exclusive-maldives-set-to-pull-out-of-china-free-trade-deal-says-senior-lawmaker-idUSKCN1NO0ZC

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

فىلىپپىن خەلقى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

چا نويابىر 21 , 2018
20-نويابىر سەيشەنبە، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن فىلىپپىنغا يىتىپ بارغان شى جىنپىڭ يەرلىك خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خىتايچە سەھىپسىدە 20-نويابىر تارقالغان بىر خەۋەردە شى جىنپىڭنىڭ فىلىپپىن زىيارىتى توغرىسىدا قىسقىغىنە خەۋەر بىرىلدى. خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

You May Like