لىتۋانىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى

لىتۋانىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 03-دېكابىر

لىتۋانىيە يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىتۋانىيە پرېزىدېنتى Gitanas Nauseda مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شۇنداقلا باشقا مىنىستىرلىقلارمۇ بايانات ئېلان قىلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لىتۋانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەپ يازغان:«بۇ خىل دەرىجىدىكى خەلقئارالىق مۇسابىقە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلمايدىغان، مۇسابىقىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق بىر دىكتاتور دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك».

لىتۋانىيە پارلامېنت ئەزالىرى پرېزدېنتقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« بىز پرېزىدېنت، ھۆكۈمەت شۇنداقلا لىتۋانىيەدىكى بارلىق سىياسەتچىلەرگە شۇنى خىتاب قىلىمىزكى: خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش كېرەك، ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق كېرەك شۇنداقلا رەسمىي دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەسلىكى كېرەك.» ئۇنىڭدىن باشقا پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر دۆلەتتىكى تەنھەركەتچىلەرنىڭمۇ بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما لىتۋانىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى رەت قىلغان ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ تەھلىل قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرى Gabrielius Landsbergisمۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە سۆز قىلىپ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتناشمايدىغانلىقى ئېلان قىلغان. 

مەنبە: فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى

تەييارلىغۇچى: يۈسۈپجان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دېموكراتچىلار پارتىيەسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»غا توسقۇنلۇق قىلدى

جۈ دېكابىر 3 , 2021
دېموكراتچىلار پارتىيەسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»غا توسقۇنلۇق قىلدى

You May Like