كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى : خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئالىدۇ

كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى (HRW) ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئالغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قولغا ئېلىنغان 2000 دىن كۆپ كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرگەن HRW ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، « بىرلەشمە ئورتاق مەشغۇلات پىروگراممىسى» ( IJOP ) ناملىق بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىنىڭ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە ئاساسەن كىشىلەرنى «سىياسىي ئۆگېنىش » لاگېرلا

يەلكىن

2020-12-10

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى (HRW) ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئالغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قولغا ئېلىنغان 2000 دىن كۆپ كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرگەن HRW ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، « بىرلەشمە ئورتاق مەشغۇلات پىروگراممىسى» ( IJOP ) ناملىق بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىنىڭ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە ئاساسەن كىشىلەرنى «سىياسىي ئۆگېنىش » لاگېرلارغا ئەۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

IJOP ئۇچۇر پىروگراممىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرخىل ئۇچۇر توپلاش ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇر يىغقانلىقىنى ۋە پوتېنسىيال (يوشۇرۇن) تەھدىت دەپ پەرەز قىلىنغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى مەسئۇل خادىملارغا ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولسا بۇ كىشىلەرنى «سىياسىي ئۆگېنىش » لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى بايان قىلىندى.

«نازارەت پىروگراممىسى» دەپ ئاتالغان ئۇچۇر پىروگراممىنىڭ قاراقاشتىكى كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خەۋەردە، چەتئەلدىكى مەلۇم بىر نومۇردىن 4 قېتىم تېلېفون كەلگەن بىر ئادەم IJOP ئۇچۇر سىستېمىسى تەرىپىدىن « خەتەرلىك دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار» كاتېگورىيەسىگە ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

 

خەۋەردە، خىتاي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىگە جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى بار، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىندى ۋە ھازىر قەيەردە… » دېگەندەك تەنقىدىي پىكىرلىرىگە ئالاھىدە يەر بېرىلگەن.

 


HWR باياناتىدا يەنە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال قانۇنلۇق ۋە زوراۋانلىق تەشكىل قىلمىغان پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «جىنايەتچىلەرنى نىشان ئوبيېكتى » قالغانلىق سەپسەتىسىگە قارمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئىپادىلىدى.

 


تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى 2020 – يىلى 10 – دېكابىر خەۋىرى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ياپونىيەنىڭ زىشى شەھرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا رەسىم كۆرگەرزمىسى ئۆتكۇزۇلدى

يە دېكابىر 13 , 2020
12-ئاينىڭ 11، 12، 13-كۇنلىرى ياپونىيە كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ زىشىشەھرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۇزۇلدى. بۇ كۆرگەزمىنى زىشى شەھەر پارلامىتنىڭ باشلىقى مارۇياما ئەپەندىم بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى، شەرقىي تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، بايلىقلىرى، ئەڭ ئاساسلىق قىلىنىپ شەرقىي تۇركىستانلىقىلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدە ئۇچۇرغان زۇلۇملىرى گەۋدىلەندۇرۇلگەن .

You May Like