كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودو «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» خاتىرىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودو سەيشەنبە كۈنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاست

تەييارلىغۇچى : كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-05

 

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودو سەيشەنبە كۈنى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاستىن ترودو ۋانكوۋېردا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سوئاللارغا جاۋابەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بىز داۋاملىق ھالدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا، نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا، سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، خىتاينىڭ غەربىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى:« بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ھەرىكەتلىرىدىن ھەقىقەتەن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز داۋاملىق ھالدا، مەيلى بىۋاستە خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بولسۇن، ۋە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بولسۇن، بۇ خاتىرىلەش كۈنىدە ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر بىر كۈندە كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ياخشى ھۆرمەت قىلىشىغا چاقىرىمىز.»   

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللار خىتايغا قايتۇرۇلماقچى

جۈ ئىيۇن 7 , 2019
سۈرىيەنىڭ خاسەكە شەھىرىدىكى يپگ/پكك تېرورلوق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ھول لاگېرىدا 2000 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئاياللارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

You May Like