كامالا خاررېس ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى23-ئىيۇل

21-ئىيۇل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن ئۆزىنىڭ كېلەر قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا خاررېس (Kamala Harris) نىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن دونالد ترامپقا قارشى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

›ئۇشتۇمتۇت ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى كامالا خاررىس خانىمغا تىكىلدى. سابىق پىرېزىدېنت بىل كىلىنتون ۋە ئۇنىڭ خانىمى، سابىق دۆلەت ئىشلار كاتىبى خىلارى كىلىنتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتچىلار ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ كامالا خاررىسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە يۇقىرى پالاتادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دېموكراتچىلارمۇ كامالا خاررىسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەگەر باشقا ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرمىسە يېقىنقى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دېموكراتچىلار كامالا خاررىسنى ئۆزلىرىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دەپ ئېلان قىلىدۇ، شۇنداقلا دونالد ترامپ بىلەن ئاخىرقى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ.

كامالا خاررىس كىم؟

كامالا خاررىس 1964-يىلى 20-ئۆكتەبىر كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق ئوكلاند شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قانۇن پەنلىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە، ئەسلى كەسپى ئادۋوكات. ھىندى ۋە ئافرىقا كۆچمەنلىرى ئەۋلادى. ئۇ 2003-يىلىدىن باشلاپ سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سان فرانسىسكو شەھىرى باش تەپتىش ئەمەلدارى، كالىفورنىيە ئىشتاتى باش تەپتىش ئەمەلدارى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سېناتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، نۆۋەتتە ئۇ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى.

كامالا خاررىس ۋە ئۇيغۇرلار

كامالا خاررىس خانىم ئىلگىرى سېناتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاۋاز چىقارغان. ئۇ 2020-يىلى چىقىرىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»نىڭ تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ماركو رۇبىيو قاتارلىق سىناتورلار بىلەن بىرگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن دوكلات ۋە لايىھەلەرنى تۈزۈپ چىقىپ پارلامېنتقا سۇنۇپ، بۇ لايىھەلەرنىڭ قانۇن بولۇپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

كامالا خاررىسنىڭ خىتاي سىياسىتى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « كامالا خاررىس خىتاينى داۋاملىق رىقابەتچى دەپ تونۇيدۇ، بولۇپمۇ ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسى جەھەتتىن . ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇ پىرېزىدېنت بولۇپ قالسا جو بايدېننىڭ خىتاي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا بېيجىڭ بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئېھتىياجلىق ساھەلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار…»

كامالا خاررىس ئىلگىرى ياپونىيە ۋە كورېيە زىيارىتىدە خىتاينىڭ رايوندىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىنى ئوچۇق تەنقىدلىگەن، ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن داۋاملىق تۈردە غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۆمەر قانات ياپونىيەدە ئىچىلىۋاتقان خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ تەخىرسزلىكى ھەققىدە سۆزلىدى

سە ئىيۇل 23 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،21-ئېيۇل ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىللاردىن بىرى خەلقئارادىكى دىنى ئەركىنلىك تېمىسدا ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان مەزكۇر يېغىننىڭ توكيۇدا ئېچىلغان «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنى ئاسيا قسمى»دا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مساللار بىلەن تونۇشتۇرغان ۋە باشقا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر بىلەن بىرلىكسەپ قۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ […]
ئۆمەر قانات

You May Like