ئىككى ئېغىز گەپنىڭ تەسىرى -دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى تەنقىد قىلغىلى بولامدۇ؟

ئىككى ئېغىز گەپنىڭ تەسىرى -دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى تەنقىد قىلغىلى بولامدۇ؟

ئىككى ئېغىز گەپنىڭ تەسىرى -دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى تەنقىد قىلغىلى بولامدۇ؟

ئاپتورى: ئۇيغۇر تۆرە

« ئۇ بىر دۆلەت تۇرسا، بىز ۋەتەنسىز يۈرگەن، تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەن ئاجىز خەلق تۇرساق دۆلىتى بار ھۆكۈمەتلەرنى قانداق تەنقىد قىلالايمىز؟ ئۇلارنى تىلغا ئىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلساق بولامدۇ؟ بۇنىڭ پايدىسى بولامدۇ؟…»

جاۋاب: بولىدۇ!

بۇنىڭ تىپىك نامايەندىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۆزبېكىستان كونسۇلى ئالدىدىكى سۆزلىگەن نۇتقى.

ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلەشكەن ئۆزبېكىستانلىق يەرلىك ئۇيغۇر ئائىلىسى مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن :« ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايىۋ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. دائىمىي تۇرۇش رۇخسەت نامىسى(ئىقامەت) يوق بولغانلارغا  ئىقامەت بېرىشكە باشلىدى، ئۇيغۇرچە مائارىپ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە 20 مىليون سوم ياردەم تارقاتتى. ۋەتەنلىك ياكى ئۆزبېكىستانغا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىشلىرى قولايلىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى تاھىر ئىمىن ئۆزبېكىستان كونسۇلى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقتىن كىيىن ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاۋاتىدۇ. تاھىرجان سالامەت بولسۇن.»

دېمەك بولىدىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىرخىل «يېلىنىش، يالۋۇرۇش» پسىخىكىسى بىلەن دەۋا سىستېمىسىغا كۆنۈپ قالغان خىلى كۆپ سانلىق ۋەتەنداشلار، تەنقىدىي خىتاب خاراكتېردە ھۆكۈمەتلەرگە بىسىم ئىشلىتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلكىم ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. توغرا ۋە مەنتىقلىق ئۇسۇلدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە خىتاب قىلىش ھېچبىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇنچە ئاجىز ئەمەسلىكىنى نامايەندە قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. تاھىر ئىمىن سۆزلىگەن قىسقا نۇتۇق بۇنى نامايەندە قىلىپلا قالماي ئۇزۇنغا بارماي نەتىجە كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى تەسىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەمنۇنىيەتى  بۇلارنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

2022-يىلى 26-دېكابىر

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

2022-يىلىدا ئۇيغۇر ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز دوستلارنىڭ تىزىملىكى

سە دېكابىر 27 , 2022
2022-يىلىدا ئۇيغۇر ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز دوستلارنىڭ تىزىملىكى

You May Like