ھىندستان بابۇر مەسجىدى ئورنىغا ئەڭ چوڭ بۇددا «رام»ئىبادەتخانىسنى سالدى.

ھىندىستان باش منستىرى مودىنىڭ ئاساسلىق غايىسى بولغان ھىندستاننى كۈچلۈك دۆلەت قىلىش پىلانى ئىچىدە ھىندىتىۋا (ھىندى دىنى بىلەن مىللەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى) مەركەز بولۇپ، ئۇ ھىندستاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ سياسى ۋە مەدەنى تەسىرىنى يوقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بابۇر مەسجىدى-1528-1529-يىللىرى بابۇر شاھنىڭ ھىندستاننى ئ‍شغال قىلغان سەركەردىسى مىر باقى تەرىپىدىن سلىنغان بولۇپ، ھىندستان ۋە دۇنيادىكى چوڭ ۋە قەدىمى مەسجىدلەرنىڭ بىرى ئىدى، 1992-يىلى ھىندىتىۋاچىلار قانلىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەسجىدنى چېقىپ تاشلىدى ۋە 2000 دىن ئارتۇق مۇسۇلماننى ئۆلتۈردى.

بىر قسم تارىخىچىلار بابۇر شاھ ۋە ئۇنىڭ ھىندستانغا ئەۋەتكەن قوشۇنىنى ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان دەپ تەرىپلەيدۇ.

مەزكۇر رام ئىبادەتخانىسى ئۇتتار پىرادىش ئۆلكسنىڭ ئايودخا ( Ayodhya)دىگەن يېرىگە سلىنغان بولۇپ، ئىچىلىش مۇراسمىغا مودى 8000 دىن ئارتۇق مۇھىم سياسى، سەنئەت، ئېقتساد ساھەسدىكى كىشلەرنى چاقىرىپ تەبرىكلىگەن .10 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى بېخەتەرلىكنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۆكتىچى پارتىيە كونگىرەس پارتيسى ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر مەزكۇر ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشنى ئەيىپلىدى ۋە ئۆچمەنلىك سىموۋالى دەپ تەسۋىرلىدى.

ھىندىتىۋاچىلار «بۇ -مۇسۇلمان ئ‍شغالچىلارنىڭ ھىندستاندىكى سموۋلىغا خاتىمە بىرىپ، ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان بەلگە »دەپ تەشۋىق قىلدى.

ھىندستاندا ئۆتكەن 10 يىلدىن بىرى، مۇسۇلمانلارغا قارشى ناھايتى كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئ‍سلام دۇنياسنىڭ قارشى سادالىرى يتەرلىك بولمىدى.

ھىندستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتيسى ب جى پ ياۋروپادىكى بىر قسم دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلسمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھىندىستان ئارقىلىق ختاينى چەكلەشنى باھانە قىلىپ،ھىندستاننىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىگە يتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تارىختىكى ئەڭ چوڭ (ختاي-ئۆزبەكستان ھەمكارلىق مۇنبىرى )ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

دۈ يانۋار 22 , 2024
ئەركىنجان، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-يانۋار. 22-يانۋار ختاينىڭ ھەر قايسى ئ‍ۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە چوڭ شركەتلىرى-ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۆزبەكستاندىن كەلگەن سياسى ۋە ئېقتسادى ئ‍ەربابلار بىلەن كۆپ ساھەدە ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلدى ۋە توختام ئىمزالىدى. ختاي ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبەكستان بىلەن ئاخىر ئ‍ۆزىدىن ئايرىلالمايدىغان، ھەممە ساھەدە مەنپەئىتى […]
ئۆزبەكستان-ختاي

You May Like