”ھىجران تىنىقلىرى“ ۋىسال تىنىقلىرىغا ئايلانسۇن

(شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندىمنىڭ يېقىندا ئىىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان «ھىجران تىنىقلىرى» ناملىق كىتابى ئۈچۈن يېزىلغان بېغىشلىما)

ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سۈرگۈنگە مەجبۇر بولغان كىشىلەر مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن يۈرەكلىرى قان بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھۆرلىكى ئۇچۇن قەلەم تەۋرەتكەن ھەر بىر قەلەم ئىگىسىگە ۋەتەندىن ئايرىلىش ھىجرانى ئەبەدىي تېمادۇر. جۈملىدىن سىز مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر بولۇپ، مۇبارەك ئانا تىلىڭىزدا ياش ۋە تالانتلىق شائىر ئابدۇرەھىم پاراچنىڭ قەلىمىدىن پۈتۈلگەن ھەر بىر مىسرالىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكى، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، ئادالەت ۋە ئىنسانلىقنىڭ كۈيلىرى تۆكۈلسە، دۇردانە غەزەللىرىدىن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئىزنالىرى نامايان بولۇپ تۇرىدىغان، تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر باي، بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىدىن سۆيۇنسىڭىز، مىسرالىرىغا مۇجەسسەملەنگەن جۇشقۇنلۇق، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر قىسمىتىنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرى نامايان قىلىنغان قۇرلارنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيسىز. 

ئەلمىساقتىن زاماننىڭ زورى ئىنسانىيەتكە شۇنى بىلدۈرۈپ كەلدىكى ئەڭ لىرىكىلىق، ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ كۈچلۈك شېئىرلارنى بېشىدىن ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەرنى كەچۈرگەن مىللەتنىڭ شائىرلىرى يازغان. ياش شائىر ئابدۇرەھىم پاراچمۇ ئۆز كەچمىشلىرىنى، ئۆز مىللىتى بىلەن تەڭ تارتقان ئەڭ ئېغىر كۈلپەتلەرنى، ھاياتىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر – بىر ئېغىر تىنىقلىرىنى ھايات ۋە مامات ئىچىدە تۇرۇپ، ئىنسان روھىدىن ئەسلا ئۇنتۇلمايدىغان شېئىرلارنى يازىدۇ. مەسىلەن:

”ساداقەت ئىشىكىدە يۈردۈم پىغان، ھىجراندا كۆيسەممۇ،
‎ پەقەت قالغان غورۇرۇمغا تۇمان قوندۇرما ئارتۇقچە.

‎كۆزۈمدىن ياش ئەمەس ھەتتا زەھەر قان ئاقسا ئاقسۇنكى،
لېكىن زالىم بىلەن بىرگە ئەبەد كۈلدۈرمە ئارتۇقچە.

‎ۋەتەنسىز بۇ مۇساپىرلىق ئىكەن ئالەمدە تەرىپسىز،
چېچىممۇ سىغمىدى يەرگە يەنە چاندۇرما ئارتۇقچە“.

جۈملىدىن يۇقۇرىدىكى شەرھىگە ماس ھالدا سىز ئوقۇپ تۇرغان ئىقتىدارلىق شائىر ئابدۇرەھىم پاراچ ئىنىمىزنىڭ ئۇشبۇ ”ھىجران تىنىقلىرى“ ناملىق شېئىرلار توپلىمى شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالىدۇ. 

يېقىنقى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆز مىللىي دۆلىتىنى قورۇش ئۇچۇن تالاي كۈلپەتلەرنى تارتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن شېئىر دېمەك، ئۇ يېڭىلمەس ۋە يىمىرىلمەس كۈرەش روھى دېمەكتۇر. ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلەرگە ئىگە ھەر بىر مىسرالىرىنى مۇبارەك ئۇيغۇر تىلىنى ياشنىتىۋاتقان چوڭقۇر بۇلاققا ئوخشاتساق، مىسرالاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ئۇيغۇرنىڭ ئىسىينكارلىقىغا، رەقىبلىرىگە يېڭىلمەس ئىرادىسىگە، قەلەم ۋە مەپكۇرە كۈرەشلىرىگە ئوخشىتىمىز. شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ ئۇيغۇرلۇق روھىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ياشنىتىدۇ ۋە ئەبەدىي كۆكلىتىدۇ. 

گەرچە ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان خەلقلەر ئۇچۇن ”ھىجران“ مەڭگۈلۈك تېما بولسىمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچۇن ”ھىجران تىنىقلىرىنىڭ بالدۇرراق ”ۋىسال تىنىقلىرى“ غا ئايلىنىشىنى تىلەيمەن.

شائىرنىڭ كىتابخانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرغان ”ھىجران تىنىقلىرى“ ناملىق شېئىرلار توپلىمى، ”ۋەتەنسىز كۈي“ ناملىق شېئىر توپلىمىدىن كېيىن يازغان، دۇنيادىكى، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىگە تەقدىم قىلغان يەنە بىر ئېسىل سوۋغىسىدۇر. 

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇرەھىم پاراچ ئىنىمىزنى تەبرىكلەيمەن ۋە مۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى. 

2019-يىلى 28-ئىيۇل، لوندون.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئوساكا يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى

شە ئىيۇن 29 , 2019
ئەردەم ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى 24-26- ئىيۇن كۈنلىرى ئوساكا شەھرى R&B مىھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 25-ئىيۇن، ئوساكا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى بىر سائەت داۋاملاشتى

You May Like