ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-سېنتەبىر
ئۆز خەۋىرىمىز، 10-سېنتەبىر گوللاندىيە «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «تەھدىت ئاستىدا قالغان مەۋجۇتلۇقىمىز» تېمىسىدىكى سۆھبەت پائالىيىتى ئۈرتېخېت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ئاۋسترالىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم سىن ئارقىلىق « مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى نەدە؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەت جەريانىدا «ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» مەسئۇلى ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

پائالىيەتكە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەردىن بولۇپ جەمئىي 170 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى ۋە كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ھەر خىل تۈردىكى ئويۇن پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«گوللاندىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» 2020-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان يۇقىرىقىغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قەرەللىك ھالدا ئۇيۇشتۇرۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلدى. مەزكۇر مەكتەپ تەسىس قىلىنغان دەرسلەردىن: ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، دىنىي ساۋات، مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ئۆگىتىش قاتارلىقلار بار بولۇپ نۆۋەتتە گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئالماقتا.