گېرمانىيە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى: ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا چوقۇم خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك

گېرمانىيەنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلى پېتېر بەيېر(Peter beyer) فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نويابىردىكى ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا «خىتاي بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

فرانسىيە رادىئوسى، 2020-09-28
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-28

 

گېرمانىيەنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلى پېتېر بەيېر(Peter beyer) فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نويابىردىكى ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا «خىتاي بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەگە تاپشۇرغان «ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە گۈللىنىش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى» غا رەھمەت ئېيتىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا «دېكتاتۇر، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق بولمىغان، رەقەملىك نازارەت ئېلىپ بارىدىغان، ئۇيغۇرلارغا، خوڭكوڭغا ۋە مۇھىتقا ھۇجۇم قىلىدىغان ھاكىمىيەتتۇر.»

 

تەپسىلىي مەزمۇنى:

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقى بېرلىندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا 5 ھەپتىدەك قالغان چاغدا، گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە كانادا مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى پېتېر بەيېر قەتئىي قىلىپ، ئىككى شېرىكنىڭ ئىختىلاپىلىرىغا قارىغاندا ئورتاق مەنپەئەتلىرى تېخىمۇ كۆپ، دەپ قارىدى. پېتېر بەيېر گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن ئوخشاش بىر كونسېرۋاتىۋلار پارتىيىسى گېرمانىيە خىرىستىئان دېموكراتىك بىرلەشمىسى (Christlich Demokratische Unio Deutschlands, CDU) گە تەۋە. بۇ قېتىملىق زىيارىتتە ئۇ: «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا چوقۇم قول تۇتۇشۇپ، خىتاي شەكىللەندۈرگەن غايەت زور خىرىسقا يۈزلىنىشى كېرەك.» دەپ قارىدى. ئۇ يەنە: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىلا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئەنجىلا مېركېل ئارىسىدا ئىران، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، دۇنيا سودىسى ۋە كېلىمات قاتارلىق مەسىلىلەردە 4 يىل قايتا-قايتا سۈركىلىش بولغاندىن كېيىن، پېتېر بەيېر دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوۋ بايدىن (Joe Biden) نويابىردا سايلىنىپ قالسا، گېرمانىيەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى يوشۇرمىدى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر بايدىن غەلىبە قىلسا، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، بۇ بىر ئالتۇن دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. گەرچە «تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەر بىردەمدىلا ھەل بولمىسىمۇ»، ئەمما بايدىنلا بولسا «ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان دوستلۇق يېڭىباشتىن تېخىمۇ مۇۋاپىقلىشىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ.»

 

پېتېر بەيېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي ياكى ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ «مەنپەئەتى ئوخشاپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا پەرقسىز.» ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نى قوللاش، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىراننىڭ يادرو قارا نىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەس.

 

بىراق ئۇنىڭ قارىشىچە، ترامپ قايتا سايلانغان تەقدىردىمۇ غەرب دۇنياسىنىڭ گۇمران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بۇنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى بولسا بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ۋە كۆپلىگەن ئامېرىكا شىتاتلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىقىنىڭ بولغانلىقىدا ئىكەن. ئۇ: «ئەگەر ترامپ قايتا سايلانسا، ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشلار قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەمما تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ.» دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە «كىمنىڭ ئاقسارايغا كىرىدىغانلىقىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما بۇ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان دوستلۇققا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ. چۈنكى ۋاشىنگتون، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدىن قۇرۇلغان.»

 

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ نەچچە ئون يىللىق ھەمكارلىقى «ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە گۈللىنىش» قاتارلىق ئاتالمىش «كونا ئۇسلۇبتىكى قىممەت قارىشى» نى مۇستەھكەملىدى. ھالبۇكى گېرمانىيە ئامېرىكىغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك، چۈنكى «مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىزگە تاپشۇرغان بۇ قىممەت قاراشلىرىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە، خىتايدىن ئىبارەت بۇ رىجىمنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا «دېكتاتۇر، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كەمچىل، رەقەملىك نازارەت ئېلىپ بارىدۇ، ئۇيغۇرلارغا، خوڭكوڭغا ۋە مۇھىتقا ھۇجۇم قىلىدۇ.»

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەيېرنىڭ سىياسىي پارتىيىسى CDU نىڭ دېكابىردا يېڭى رەھبەر ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا چوقۇم بۇ مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە ئىچىدە سايلىنىپ چىققۇچىنىڭ مېركېلنىڭ 16 يىللىق ھوقۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021- يىللىق قانۇن چىقىرىش سايلىمىنىڭ كونسېرۋاتىۋلار نامزاتى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە «كىمنىڭ يېڭىپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ چوقۇم بۇ ئاساسلىق تېمىلارغا يۈزلىنىشى كېرەك» لىكىنى جەزىملەشتۈردى.

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقى گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئەتىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى ترامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى توختىماستىن تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، گېرمانىيىگە ئورۇنلاشقان 12000 ئامېرىكا ئەسكىرىنىمۇ چېكىندۈرۈشنى پىلانلاپ بولدى، نۆۋەتتىكى 25000 ئادەمنى 9500 ئادەمگە چۈشۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن بەيېر: «مېنىڭچە بايدىن بۇ پىلاننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتمەيدۇ، بىراق مەن يەنە ئۇنىڭ بۇ پىلاننى ئوخشاش قىزغىنلىق بىلەن ئىجرا قىلىشىدىنمۇ گۇمانلىنىمەن.» دېدى.

 

مەنبە:

 

https://www.rfi.fr/cn/%E5%9B%BD%E9%99%85/20200928-%E5%BE%B7%E5%9B%BD%E8%B7%A8%E5%A4%A7%E8%A5%BF%E6%B4%8B%E5%85%B3%E7%B3%BB%E8%B4%9F%E8%B4%A3%E4%BA%BA-%E6%AC%A7%E7%BE%8E%E5%BF%85%E9%A1%BB%E5%9B%A2%E7%BB%93%E4%B8%80%E8%87%B4%E5%AF%B9%E6%8A%97%E4%B8%AD%E5%9B%BD

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئەزەربەيجان - ئەرمنىيە ئۇرۇشى ۋە تۈركىىيەنىڭ مەيدانى

سە سېنتەبىر 29 , 2020
يېڭى ھەپتە تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىكى توقۇنۇش ۋە دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن باشلاندى.

You May Like