فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى توغرىسىدا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى8-ئىيۇل

بۇ يىل ئىيۇننىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەدىكى سايلىمىدا رادىكال ئوڭچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسى ئۇتۇپ چىقتى. نەتىجىدە پىرېزىدېنت ماكروڭ فىرانسىيە دۆلەت ئىچىدە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ قايتا سايلام ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. فىرانسىيەدە تەدرىجىي باش كۆتۈرۈۋاتقان رادىكال ئوڭچى، مىللەتچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسىگە قارشى بارلىق سولچى، ۋە ئوتتۇرا يولدىكى پارتىيەلەر بىرلىشىپ فىرانسىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ كەسكىن سىياسىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. نەتىجىدە ئىككى ئايلانمىلىق بېلەت تاشلاشتىن كېيىن 7-ئىيۇل كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىندى. بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:

سولچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسى 171-187 بېلەت بىلەن بىرىنچى ئورۇندا؛

ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە 152-163 بېلەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا؛

ئەشەددىي ئوڭچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسى 134-152 بېلەت بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا؛

1. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، سولچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسى ئۇتقىنى بىلەن ئۇلار ئوخشىمىغان بىرقانچە چوڭ كىچىك پارتىيەلەردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا ئورتاق رەھبىرى يوق، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پارتىيەلەر. بۈگۈندىن باشلاپ سولچىلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ پارتىيەلەر يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تېزراق تەشكىللىنىپ چىقىشىنى ۋە ئۆز پارتىيەلىرىنىڭ بۇ يېڭى ھۆكۈمەتتە كۆپرەك ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ؛

2. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە يەنى ماكروڭنىڭ پارتىيەسى گەرچە ھوقۇقنى ئوڭچىلار بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرىۋەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. دۈشەنبە كۈنى ئۇ ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى گابغىيەل ئاددالنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلمىدى، يەنى ئۇنىڭدىن بىر مەزگىل، ھېچبولمىغاندا ئولىمپىك تۈگىگىچە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى؛

3. ئوڭچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسى گەرچە ئومۇمىي سان جەھەتتە ئۇتتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىش سانىنى كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈۋالدى. يەنى 150 ئەتراپىدا ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرىدۇ؛

4. ھازىر فىرانسىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسى بىر قازان ئۇماچ بولدى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پارتىيەلەر گەرچە چوڭ جەھەتتىن ئوڭچى سولچى ۋە ئوتتۇرا يول دەپ بىرلەشكىنى بىلەن ئاستىرتىن يەنە بىر بىرىگە ئوخشىمىغان پىكىر ئىدىيەدە، نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئورتاقلىقى يوق. ئەڭ مۇھىمى ھېچقايسى پارتىيە پارلامېنتتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. پىرېزىدېنت ماكروڭنىڭ يەنە 3 يىل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بار بۇ ۋاقىت توشقۇچە ماكروڭ يەنە مىسلىسىز قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشى ئېنىق؛

يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ماكروڭ ئالتىنچى ئاينىڭ بېشىدىكى ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ ئوڭچى رادىكال پارتىيەلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىنى، شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بىر مەيدان قىمارغا تىككەن ئىدى نەتىجىدە فىرانسىيە رادىكال ئوڭچىلارنىڭ قولىغا قالمىدى، ئەمما يۇقىرىدا يېزىلغىنىدەك قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ

پە ئىيۇل 11 , 2024
ياۋرو-ئاسيا ۋاقتى: ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-ئېيۇل ياۋروپا ئاسيا ۋاقىت گېزىتى بۈگۈن ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ختاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيسى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى بىرلىشپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان ئاسمانلىرىدا تىرورلۇققا قارشى ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدىكەن. ئاتالمىش بۈركۈت قالقىنى […]
ختاي -ئەرەب بىرلەشمە مۇداپىئە

You May Like