دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رەشىت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش گۇماندارلىقى بىلەن شىۋېتسىيەدە قولغا ئېلىندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 9-ئاپرېل

شىۋېتسىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى چەرشەنبە كۈنى بۇ ھەپتە ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئادەمنى بېيجىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ئەزالىرىغا قارشى جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىدى.

شىتوكخولمنىڭ شىمالىدىكى سولنادا چەرشەنبە كۈنى كېيىنرەك ئۆتكۈزۈلىدىغان سوت مەجلىسىدە، ئۇ گۇمانلانغۇچىنى ئېغىر جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بەرگەن دوكلاتىدا، ئالاقىدار خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ جىددىي يىغىن ئېچىپ دىلشات رەشىتنىڭ 2004-يىلدىن بىرى ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق خىتاي تىللىق باياناتچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«بۇ شەخس خىتاي جاسۇسلۇق ئىدارىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە قانۇنسىز ئۇچۇر ۋە ئىستىخبارات توپلىغان دەپ گۇمان قىلىنماقتا» دېدى تەپتىش ئەمەلدارى ماتس ليۇڭكۋىست.

«بۇ ئىش ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مەن ھازىرچە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرەلمەيمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى ئۇ بىر باياناتتا.

AFP قولغا كەلتۈرگەن سوت ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇمانلانغۇچى يەكشەنبە كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 1967-يىلى 8-ئاپرېل دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە سوراقتا خەنزۇچە سۆزلەشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇ مۇساپىرلارغا جاسۇسلۇق قىلىش ياكى شەخسلەرگە قارشى قانۇنسىز ئاخبارات-ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

شىۋېتسىيە SAPO ئىستىخباراتىنىڭ قارىشىچە، بۇ جىنايەتلەر باشقا ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق كۆپىنچە ھاكىممۇتلەق ياكى دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلىندى باياناتتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىزدىن ئايرىلغانلار: مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچى توختى ئايۇپ ۋاپات بولدى

پە ئاپرېل 10 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 10-ئاپرىل توختى ئايۇپنىڭ  فرانسىيەدىكى قىزى جىنەستە خانىمنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇشۇكۇر قۇمتۇرغا بىلدۈرىشچە، « بۆرە ئانا»، « تەكلىماكانغا قايتىش» قاتارلىق رومانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېكولوگىيلەك مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى توختى ئايۇپ 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10دا ۋاپات بولغان. يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ تەرجىمھالى يازغۇچى توختى ئايۇپ […]
tohti ayup

You May Like