تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2023- يىلى 2- يانۋار
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇش باش ئەلچىسى چىن گاڭنى خىتاينىڭ 2- نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ يېڭىدىن ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپە مۇددىتىنى مۇقىملاشتۇرغان شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سياسىتىدە نېمىلەردىن دېرەك بىرىدۇ؟ ئۇيغۇر مەسلىسدە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
شى جىنپىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن قىلغان مۇھىم ئىشلاردىن بىرى، ئادەم كۈچى ۋە رەھبەرلىك قۇرۇلمسنى تەڭشەش بولۇپ، بۇ – ھەم پارتىيەنىڭ ۋە شى نىڭ ئوبرازى ۋە كۈچى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2023- يىلى دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە تاشقى سياسەت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ،
خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇ دىپلوماتىك مەسىلىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ مۇناسۋەتلەرنىڭ بىرى.
چىن گاڭنىڭ كەسپى ۋەزىپە تارىخىنى چۈشىنىش خىتاينىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىنى تەيىنلەش سىياسىتىنى چۈشنىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى كۈچلەر رىقابىتى ۋە دىپلوماتىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى چۈشنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئۇنداقتا چىن گاڭ كىم؟
چىن گاڭ – خەن مىللىتىدىن، تىيەنجىنلىك، بۇ يىل 56 ياش (1966- يىلى تۇغۇلغان) بولۇپ، خىتاي كومپارتىيە ئەزاسى،
1988- يىلدىن 1992- يىلغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بېيجىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى مۇلازىمەت ئىدارسىدە كاتىپ بولغان.
1992- يىلدىن 1995- يىلغىچە غەربىي ياۋروپا ئىدارسىدا ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ بولغان.
1995- يىلدىن 1999- يىلغىچە بۈيۈك برىتانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۈچىنچى ۋە ئىككىنچى دەرجىلىك كاتىپ بولغان.
1999- يىلدىن 2002- يىلغىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى غەربىي ياۋروپا ئىدارسدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپ، مۇئاۋىن ۋە رەسمىي باشقارما باشلىقى بولغان.
2002- يىلدىن 2005- يىلغىچە ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇل بولغان.
2005- يىلدىن 2010- يىلغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىدارسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بولغان.
2010- يىلدىن 2011- يىلغىچە برىتانىيە پادىشاھلىقىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى بولغان.
2011- يىلدىن 2014-يىلغىچە دىپلوماتىيە منسترلىكى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بولغان.
2014- يىلدىن 2017- يىلغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى كۈتۈۋېلىش ئىدارىسى باشلىقى بولغان.
2017- يىلدىن 2018- يىلغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مىنىستىر ياردەمچىسى، كۈتۈۋېلىش ئىدارسى باشلىقى بولغان.
2018- يىلدىن 2021- يىلغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان.
2021- يىلى ئىيۇلدا چىن گاڭ سۈي تىيەنكەينىڭ ئورنىنى ئېلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن 11-نۆۋەتلىك باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
ئۇنداقتا چىن گاڭ نېمە ئۈچۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى؟ ئۇنىڭ ۋاڭيى بىلەن پەرقى نىمە؟ شى جىنپىڭ چىن گاڭ ئارقىلىق نېمىگە ئېرشمەكچى؟
چىن گاڭنىڭ خاسلىقلىرى:
دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىر دۆلەتنىڭ سياسى مەنپەئەتنى خەلقئارا كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى ئېنىق. خىتايدا تەلەپ قىلىنىدىغان ئۆلچەملەر باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كونكرېت ۋە كۆپ بولۇپ، چىن گاڭ بۇلاردىن خىلى كۆپلىرىنى ھازىرلىغان.
بىرىنچى، ش جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسۋىتى
خىتاي دۆلىتى شى جىنپىڭنىڭ بىر كىشىلىك دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمىگە ئۆتكەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىنى تاللاش شى جىنپىڭنىڭ ئۆلچىمى ۋە بىۋاستە تاللىشىغا قاراشلىق بولدى. بۇنى بىز 20- قۇرۇلتايدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتقا تاللىغان نامزاتلىرىدىن ئېنىق ھس قىلالايمىز. چىن گاڭ بولسا شى جىنپىڭ دەۋرىدە قەد كۆتۈرگەن دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرىكى جىياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ تەرەپدالىرىنىڭ ھېچقانداق كۆزىگە كۆرۈنمىگەن ۋە ھوقۇق ئويۇنلىرىنىڭ بىۋاستە تەسرىگە ئۇچرىمىغان. ئۇ باشتىن ئاخىرى شى نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆستۈرۈلگەن كادىر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تاشقى سياسەتتە شى نىڭ يوليۇرۇقىغا تامامەن ئەگشىدۇ.
چىن گاڭ ئۆتكەن بىر يىرىم يىلدا ۋاشىنگتوندىكى ھەر قېتىملىق پائالىيتىدە شى جىنپىڭنى مەدھىيلەپ كەلدى، خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا شى نىڭ رولىنى تەكىتلىدى، بۇنى شى نىڭ ئىستىخبارات قوشۇنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، خىتاي ئامېرىكا مۇناسۋىتى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سياستىدە يادرولۇق زىددىيەتلىك مەسلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرستىدۇ.
چىن گاڭ ئامېرىكىدا ۋەىزپە ئۆتىگەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە، يەنى چىن گاڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە، مەكتەپ ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى، شىركەتلەرنى زىيارەت قىلدى، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بولغان ۋەكىللەر، نۇرغۇن شىتاتلار، كارخانىچىلار، تاشقى سياسەت تەتقىقات مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە مىللىي ئوبرازىنى ياخشلاش ئۈچۈن بىۋاستە تىرشچانلىق قىلدى. دېمەك ئۇ ئامېرىكىدا ئىلگىرىكى باش ئەلچى سۈي تىيەنكەيدىن كۆپ ئاكتىپ بولدى.
مىنىڭ كۆزىتىشمچە، چىن گاڭ ۋاڭ يىغا ئوخشمايدىغان ھالدا، بۆرە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارىغاندا يۇمشاقراق سياسەت ئىجرا قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ۋاڭ يى دەۋىردە خىتاي دۇنياغا لۈكچەك، قوپال ئۇسلۇب بىلەن دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇردى. خىتاي بۇنىڭ ئۆزىنىڭ يىراق سىياسىتى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتە چىن گاڭ تېخىمۇ ھىيلىگەر بولۇپ، يۇمشاق ۋە ئىللىق كۆرۈنۈپ، تاشقى دۇنيانى تېخىمۇ بىر مەھەل ئالداشقا ياكى ھېچبولمسا قاتتىق قول دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى دەپ قاراشقا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. چىن گاڭ ئامېرىكىدا: «ئامېرىكا ۋە خىتاي بىر-بىرىگە مۇھتاج، ئىككى دۆلەت بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلسا بولمايدۇ، خىتاي ئامېرىكا بىلەن تىنچ ئۆتۈشنى خالايدۇ.» دەپ كۆپ قېتىم، قايتا-قايتا تەكىتلىدى. بۇ خىتاينىڭ تاللىشىغا ئۇيغۇن.
ئۈچىنچى، خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش – دىپلوماتىيە ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يادرولۇق ۋەزپىىسى.
چىن گاڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەسلىسى، ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي سىياسەتلەر ۋە ئۇيغۇر مەسلىسى قاتارلىق تېمىلاردا خىتاينىڭ مەيدانىنى تەكىتلىدى.
چىن گاڭ 2022- يىلى ئاپرىل ئېيدا، ئامېرىكا ئاممىۋى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى «توقۇلما، يالغان ۋە ساختا ئۇچۇر» دەپ ئېلان قىلدى.
ئۇ يەنە: «ئامېرىكا تەيۋەن ئىشلىرىدا خىتاينىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلىشى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينى چۈشنىشى كېرەك.» دېدى.
تۆتىنچى، كۆپ قاتلاملىق تەجرىبە
چىن گاڭ 30 يىلغا يېقىن دىپلوماتىيە ھاياتىدا، ئىستىخبارات ۋە ئاخبارات، باياناتچىلىق ۋە تەشۋىقات، باش ئەلچى ۋە مەسلىھەتچى ، خەلقئارا زىياپەت ۋە كۈتۈۋېلىش قاتارلىق دىپلوماتىيەنىڭ ھەممە ساھەسدە ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئالاقىدار دىپلوماتىيە تېمىلىرىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.
ئۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق يادرولۇق خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيە ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەش ئارقىلىق تەجرىبە توپلىدى ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەسللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەجرىبىگە ئىگە بولدى.
بەشىنچى، ياش ۋە ئوبراز مەسلىسى
خىتاي كومپارتىيسى جىياڭ زېمىن دەۋرىدىكى ئەڭ كۆرۈمسز دەپ ئەيىپلەنگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىيەن چىچىندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە باياناتچىسنىڭ ئوبرازى ۋە يېشىنى ئالاھىدە تاللايدىغان ئۆلچەملەرنى بېكىتكەن بولۇپ، خۇجىنتاۋ دەۋرىدە ئۆلچەم قاتتىقلاشتى، شى جىنپىڭ تەيىنلىگەن ياڭ جىيچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئوبرازى ئۆلچىمى ۋە ئىقتىدار ئۆلچىمى، دۆلەت مەنپەئەتى ئۆلچىمى بويىچە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
چىن گاڭ ياش جەھەتتە نسبەتەن ياش بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئاكتىپ ۋە ھەرىكەتچان دىپلوماتىيە ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئېنىرگىيە تەمىنلەيدۇ.
خىتاي دىپلوماتىيەسنىڭ كەلگۈسى
مېنىڭ قارشىمچە، خىتاي دىپلوماتىيىسى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى ھىيلىگەرلىك بىلەن كۈچ كۆرستىش ھالىتىگە قايتتى. چۈنكى خىتاينىڭ ئىچىدىكى مۇقىمسزلىق، خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئاجىزلىقنى كۆرسەتتى، شۇڭا خىتاي بىر قەدەم يۇمىشغان بولۇپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شى جىن پىڭنىڭ چىن گاڭنى تاللىشى خىتاينىڭ يېڭى دىپلوماتىيە ئېھتىياجىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ھازىر خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسۋىتى تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ دەۋردە بولۇپ، ئەگەر خىتاي سەللا ھەددىدىن ئاشسا، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈنلەي قورشاپ زەربە بېرىدىغان يىگانە دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.