گېرمانىيە ھۆكىمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى خىتاي گېرمانىيەدىن 630 مىليون ياۋرو ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ يىل گېرمانىيە تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن ئۈچۈنجى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. 1979-يىلدىن تا ھازىرغا قەدەر، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن تەرەققىيات ياردەم مەبلىغى 10 مىليارد ياۋروغا يەتكەن.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئىلان قىلىشىچە خىتايدا چوشقا گۆشنىڭ توپ باھاسى 22-ئاۋغۇستىن 28-ئاۋغۇستىقىچە بىر ھەپتىدە%11ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ باھا ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ئاينىڭ باھاسىغا قارىغاندا %52.3ئۆسكەن.

2019-08-24
23-ئاۋغۇست خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن خىتايغا سېتىلىدىغان ماشىنا ۋە ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىق 5078 خىل تاۋارلىرىغا قارىتا ئالدىغان 75 مىلياردلىق تاموژنا بېجىغا 10%، 5% جازا بېجى قوشۇپ ئالدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ 2019 – يىلى 1-سېنتەبىر ۋە 2019 – يىلى 1 – دېكابىر ئىككىگە بۆلۈپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تىجارەت ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ئىككىنجى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 6.2 پىرسەنت بولغان ۋە 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇتەخخەسىسلەرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چېكىنىش يەنە داۋام قىلىدىكەن ۋە ئەڭ تۆۋەن چەككە يېتىدىكەن.

خىتاي مەركىزى مالىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا مەلۇمات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى بانكىلارنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە مالىيە ۋاقىت گېزىتى مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىك قەرز نىسبىتى بۇ ھالەتتە ئېشىۋەرسە، ھۆكۈمەت داۋاملىق تۈردە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان قەرز تەمىنلىگۈچىلەرنى قۇتقۇزماسلىق ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىرزېدىنت ترامپ «ئەگەر خىتاي رەئىسى بۇ ئايدا ياپونىيە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىگىرمە دۆلەت يىغىندا ئۆزى بىلەن ئۇچراشمىسا، خىتاي ماللىرىغا يەنە يېڭى جازا يۈرگۈزىمەن» دەپ تەھدىت سالدى.

ئامرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلانغان 15 ئايلىق سۆرەلمە سۆھبەتتىن كىيىن يەنىلا ئىقتىسادىي جازا قويۇشنى قارار قىلىشتى. ئامرىكا ھۆكۈمىتى 200 مىلىيارد قىممىتىدىكى خىتاي مىلىغا %25 باج ئالىدىغان بولدى. خىتاي جاۋابەن 1- ئىيۇندىن باشلاپ 60 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى 5410 تۈرلۈك ئامرىكىغا ماللىرىغا %25 باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

23- ماي، باش شىتابى ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئارىم (ARM) ئۆزەك شىركىتى ئامېرىكىنىڭ خۇاۋىي شىركىتىگە چىقارغان چەكلىمىسىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن، خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېركېلىي تارمىقى بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېي بىلەن يېڭى تەتقىقات ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خۇا ۋېيغا قارىتا جىنايى ئىشلار شىكايىتى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بۇ قارارنى چىقارغان.

ئامرىكىلىق سودىگەر، ساخاۋەتچى جورج سوروس داۋۇستا ئىچىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى»دە، ئامرىكىنىڭ خۇاۋىي ۋە جۇڭشىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى تىخنىكا شىركەتلىرىنى چەكلەشكە چاقىرپ، ئۇ شىركەتلەرنى دۇنياغا قوبۇل قىلغۇسىز خەۋىپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، خۇا ۋېي ياۋروپادا بارغانسېرى كۆپ تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ خەلىق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىدا 18-دىكابىر تارقالغان بىر خەۋردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي تور شىركەتلىرى پانئەرەپ تور شىركىتىنىڭ مىسىر شۆبىسىگە جەمىيى 5 مىليۇن دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

1- دىكابىر خىتاي ئېلىكتىر- ئالاقە كاتتابېشى خۇاۋىي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىڭ ۋەنجۇ كانادادا تۇتۇلدى، ئامېرىكا بۇ ئايالنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا نىمىشقا خۇاۋىي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى تۇتىدۇ؟

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ پارتىيە مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مالدىۋې يېڭى ھۆكىمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماقچى، چۈنكى بۇ كىچىككىنە دۆلەتنىڭ دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزىشى خاتا.

ئامېرىكا مۇئاۋىن رەئىسى مايك پەنس شەنبە كۈنى مۇنداق دېدى، بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنمىگۈچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا تالاش-تارتىشلىرىدا يول قويمايدۇ، ھەتتا تاموژنا بېجىنى بىر ھەسسە ئاشۇرىدۇ.

ئامېرىكا ۋال كوچىسى گېزىتى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىدىن نەقىل قىلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولغان بىر يۈرۈش تەدبىرنى قارار قىلدى، جۈملىدىن ئېكسپورتنى تىزگىنلەش، قانۇن شىكايىتى ۋە باشقا ئۇسۇل ۋاسىتەلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى ئوغرىلىقىغا قارشى تۇرماقچى. يېقىندا ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىرىستال لامپا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت مېكروننى قوغداپ قالدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەقىلى مۈلۈك ھوقوقىنىڭ

ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى كۆز قاراشلار سودا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۆۋەندە بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنى يىغىنچاقلايمەن.

مالىيە بالانىس جەدىۋىلىدىكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كىيىن ،خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا چەتئەل نېفىت ئىمپورتىغا ئېغىر تايىنىپ قالغان يىللىرى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى شۇ ئاساستا چىقىش قىلىشقا مەجبۇرلانغانىدى. 1970-يىللىرىنى ئەسلەپ باقساق، بولۇپمۇ 1973~1974-يىللىرىدىكى ئەرەب نېفىت ئېمبارگوسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋجۇدىيتىگە تەھتىد ئېلىپ كېلىشى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئوپېك«نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئامېرىكا بۇنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى تۇلۇق قۇتۇلغىنى يوق. تۈركىيەدىكى سەئۇدىي كونسۇلىدا قەسىتلەنگەن جامال قوشۇقچى توغرىسىدا دانولد تىرامپنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا قارشى بىر قا