بىر قىسىم دوكتور، پروفېسسورلار ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى.

بىر قىسىم دوكتور، پروفېسسورلار ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 13- فېۋرال

 

«ئائىلە قەيەردە؟» پائالىيتىنى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ پائالىيەتكە توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئائىلە نۆۋىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوللاۋاتقان بىر قىسىم دوكتور، پروفېسسور ۋە ئاكادېمىكلەر ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىشقا تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور، دوكتورى ئابدۇرەشىت جەلىل قارلۇق ئەپەندى، ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتورى، ئادۋۇكات، كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى ئىلياس دۇغان ئەپەندى، داڭلىق يازغۇچى تەۋفىق ئەردەم ئەپەندى ۋە قىرىقلار ئېلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور چاغاتاي سەرپ ئەپەندى قاتارلىقلار قاتناشتى.

 

دوكتور ئابدۇرەشىت جەلىل قارلۇق ئەپەندى ۋە ئادۋۇكات ئىلياس دۇغان ئەپەندى ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى ئەندىلوس بولۇپ قالغانلىقىنى، ئائىلىسى خىتاي جازا لاگېرلىرىدا زۇلۇم چىكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى بولغان تۈركىيەدە، ئەڭ ئەقەللىي كىشلىك ھۇقۇق داۋاسىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۈگۈن خىتاينىڭ  شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقىنى ئومۇمىيۈزلۈك يوق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋىلىشىنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا تۈركىيەدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى، كىملىكىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنى چارىسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇلارغا ياردەمچى بولۇشقا چاقىردى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا، خىتاي ۋە تەيۋەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە

يە فېۋرال 14 , 2021
ئامېرىكا، خىتاي ۋە تەيۋەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە

You May Like