بىڭتۇەن «ياللىغان» ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى -ئارال خىتاينىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-ئاۋغۇست

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2022-يىللىق خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ چوڭ رايون مۇسابىقىسى ۋېينەن مۇسابىقە رايونى O گۇرۇپپا،P گۇرۇپپا گىرەلەشمە شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. ئاتالمىش « شىنجاڭ» ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن ئارال 359 كوماندىسى شۇ كۈنى 2:3 نەتىجە بىلەن رەقىبى باۋدىڭ شۆچېڭ رىقابەت كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، ئارال 359 كوماندىسى ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە 2:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭگەن بولغاچقا، ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 4:3لىك ئومۇمىي نەتىجە بىلەن خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.خىتاي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 2022-يىللىق خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەنلەر 2023-يىللىق خىتاي B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مەينەت سياسەت: ئامېرىكا فىدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ فايىس بۇكنى ھانتىر بايدىننىڭ كومپيۇتىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.50 دىن ئارتۇق دۆلەت بېخەتەرلىك خادىمى يالغان سۆزلىگەن.

يە ئاۋغۇست 28 , 2022

You May Like