بەش ياشلىق ۋېرجىنيە مەلىكىسى: مىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر مەلىكىسى بولۇشۇمنى قوللامسز ؟

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم مۇھەرىردىن سۆز:

.

ئامېرىكىدا تۇغۇلغاندىن بىرى دادىسنى كۆرۈپ باقمىغان بەش ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئەردەن ئائىلىسدىن مەجبۇرى ئايرىۋىتىلگەن يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاكالىتەن ۋېرگىنيە خانقىز مۇسابىقىسگە قاتنىشپ، نەتىجە قازاندى.ئۇنىڭ كىينكى ئارزۇسى نىمە؟ ئۇ سزدىن نىمە كۈتىدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىمزاسدا ئىنگىلىزچە يېزىلغان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر ئىلتىماسنى ئوقۇپ بېقىڭ….

مىنىڭ ئىسمىم ئەردەن ئۇيغۇر، بەش ياشقا كىردىم، يەسلى ئوقۇغۇچىسى. بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا، مەن «ئامېرىكا دۆلەت خانقىزى» ۋېرجىنىيە شىتاتلىق مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. نەتىجىدە، مەن ۋېرجىنىيە شىتاتى تالانت مۇسابىقىسدە ئىككىنچىلىككە – «تەشەككۈر مۇكاپاتى »غا ئېرىشتىم ۋە ئامېرىكا دۆلەت خانقىزى كاندىداتىغا قاتنىشش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىم.

بىلگىنىڭلاردەك، مەن بىر ئۇيغۇر ئامېرىكىلىق. مىنىڭ ئاتا-ئانام شەرقىي تۈركستاندىن. مەن تۇغۇلغاندىن بېرى، مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگىنمىز ئۈچۈن دادامنى كۆرۈپ باقمىدىم. مىنىڭ ئاپام ماڭا ھەم ئاپا، ھەم دادا بولۇپ، مېنى يالغۇز چوڭ قىلىۋاتىدۇ، باشقا بالىلارغا ئوخشاش خوشال بالىلىق دەۋرىم بولسۇن دەپ تىرىشىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى «خەلقئارالىق ئۆسمۈر خانقىز» مۇسابىقىسىنىڭ دۆلەتلىك گۈزەللەر مۇسابىقىسدە، مەن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن. بۇ ئارقىلىق مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئائىلىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش سىياسىتى ھەققىدە سۆزلەيمەن. چۈنكى بۇ مەن تۇغۇلغاندىن بېرى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئ‍شتۇر.

مىنىڭ ئاپام مىنى «ئ‍امېرىكا دۆلەت خانقىزى -Miss American pageant» مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى جاپالىق ئ‍شلەۋاتىدۇ. مەن ھازىر مىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىششتا كېرەكلىك بولغان چىقىمىمغا مەسئۇل بولىدىغان قوللىغۇچىلارنى (Sponsor) ئىزدەۋاتىمەن. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشش ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان كۈلپەتلەر ھەققىدە كىشىلەرگە چۈشەنچە بېرىدىغان ياخشى پۇرسەتتۇر. مەن بۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئاۋاز چىقىرىدىغان پۇرسەت ، ئاۋازى ئاڭلانمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئىشەنچىگە ئېرىشىدىغان پۇرسىتى دەپ بىلىمەن.

سزنىڭ قوللىغىنىڭىز مىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قابىلىيەتلەرنى يېتىشتۈرۈشۈم ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى ئېلىشىمغا ياردەم بىرىدۇ.

مىنى قوللاشنى ئويلاشقىنىڭىز ئۈچۈن ئالدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

قوللاش ئادېرسى:iam.buzz/gi2faz

ھۆرمەت بىلەن:

ئەردەن ئۇيغۇر

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شى جىن پىڭ ئاياللار يېغىنىدا ختاي ئاياللارنىڭ كۆپرەك تۇغۇشنى، ھاكېمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

جۈ نويابىر 3 , 2023
ختاي كوممۇنستك پارتىيسى ختاي خەلقىنىڭ شەخسى ۋە ئىجتىمائى ھاياتىنى  كونتىرۇل قىلىش بىلەن مەشھۇر.ئەمما 1980-يىلدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سياسىتى يولغا قويۇپ، ئ‍نسانلارنىڭ تۇغۇت ئ‍شىغا ئارىلىششنى دۆلەت ۋە پارتىيەنىڭ يادرولۇق سياستى دەپ ئىلان قىلغان كومپارتىيە تۇيۇقسز ئاياللارنى شددەت بىلەن تۇغۇشقا چاقىرغانلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تەشۋىقات ۋاستسى بولغان ختاي خەلق […]
شى جىن پىڭ ۋە ئاياللار

You May Like