ب د ت دوكلاتىدا نېمىلەر يېزىلدى؟

ب د ت دوكلاتىدا نېمىلەر يېزىلدى؟
فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى ئېلان قىلغان شۇ ھەقتىكى خەۋەر

 ب د ت دوكلاتىدا نېمىلەر يېزىلدى؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 01-سېنتەبىر

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى ئېلان قىلغان شۇ ھەقتىكى خەۋەر. تەرجىمىدە: ئارمان

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-سېنتەبىر جەنۋەدىن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي كومىسسار ئىشخانىسى» تەرىپىدىن تۈزۈلگەن  48 بەتتىن تەركىب تاپقان دوكلاتتا ب د ت خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە ئېلىپ بارغان زىيارەت مەزمۇنلىرى، يىغىلغان بىرىنچى قول شۇنداقلا ئىككىنچى قول ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. دوكلاتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ شەكىللىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئىرقى قىرغىنچىلىق» كەلىمىسى ئىشلىتىلمىگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا ئاساسلىقى بەش تۈرلۈك ئەيىبلەش تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئېغىر تەن جازاسى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىش، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش توغرىسىدا:

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2014-يىلىدىكى «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر مەيدان رەھىمسىز باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان . ت) دا 2017-يىلىدىن 2019-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان ئاتالمىش «بىخەتەرلىك» ئەسلىھەلىرى ئىچىدە كەڭ كۆلەمدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مېخانىزمى يۈرگۈزۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر «بىخەتەرلىك» ئەسلىھەلىرىنى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

ب د ت دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئاساسەن بىر قىسىم ئاتالمىش «رادىكاللىق» جىنايەت قىلمىشلىرىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇلار: كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش، بېشىغا ياغلىق ئارتىش، ۋە ياكى بۇرۇن «جىنايەت» ئۆتكۈزۈپ باققان…دېگەندەك يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەردىن تەركىب تاپقان.

2. تەن جازاسى توغرىسىدا:

ب د ت تەرەپنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان «ئېغىر تەن جازاسى» جىنايىتىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، مەسئۇل خادىملارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى مەزكۇر جىنايى قىلمىشنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. گۇۋاھچىلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلار خىتاي رېجىمنىڭ ھەرخىل قىيىن قىستاق، زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بەزىلىرى باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي ئاياللار كېسەللىكى تەكشۈرۈشى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

3. مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش توغرىسىدا:

ب د ت خادىملىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنى زىيارەت قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ساندىكى پەرزەنتلىك بولغاندىن سىرتتىكى ھامىيلىلەرنى مەجبۇرىي ئوپېراتسىيە ئارقىلىق چۈشۈرۈۋېتىش ياكى ھالقا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇغۇتىنى كونترول قىلغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان. دوكلاتتا 2017-يىلىدىن بۇيان «شىنجاڭ» (شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان . ت) دىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.  

4.دىنىي زىيانكەشلىك توغرىسىدا: 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېشىغا ياغلىق ئارتىش، رامزان مەزگىلىدە رېستوران، ئاشخانىلارنى تاقاش، پەرزەنتلەرگە «مۇھەممەت»، «ئىسلام»، «غازى» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتالمىش « رادىكاللىق» قالپىقى كەيگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەبلەرنى ئېچىپ بەرگەن. دوكلاتتا يەنە مەسچىت ۋە قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىلىشى قاتارلىق كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىلەرمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

5. مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا:

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈرلىرىدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن دېيىلگەن. ئەمما دوكلاتتا بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدا گۇمانىي كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي باياناتچىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئامېرىكىنىڭ قول چوماقچىسى ۋە ياردەمچىسى!

پە سېنتەبىر 1 , 2022
خىتاي باياناتچىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئامېرىكىنىڭ قول چوماقچىسى ۋە ياردەمچىسى!

You May Like