« ب د ت» 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ چىقىدۇ

« ب د ت» 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ چىقىدۇ

« ب د ت» 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاي بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ چىقىدۇ
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 12-ئاۋغۇست
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېچىل باچلىت 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ۋەزىپىدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن لىز تورىسسل ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بۇ دوكلاتنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى 600 ئايدىن ئارتۇق خىتاي تەشكىلاتى ۋە شەخسلەرنى « ب د ت» غا خەت يازدۇرۇپ: « ئۇيغۇرلار ياخشى كۈن كۆرۈۋاتىدۇ، تەربىيەلەش مەكتىپى رادىكالىزم ۋە تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان، ب د ت شىنجاڭدىكى تەرەققىياتنى قوللىشى كېرەك » دېگەن مەزمۇندا مەكتۇپ يوللىغان.
مېچىل باچلىتنىڭ بۇ يىل بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان زىيارىتى -خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بىر مەغلۇپ بولغان زىيارەت بولۇپ، خىتاي بۇنى ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتتا ئىشلەتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ب د ت» مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى كۆرۈپ چىقىدىكەن.
ئۆتكەن 20 يىلدا خىتاينىڭ « ب د ت» دىكى تەسىرى ئۇدا ئاشقان بولۇپ، «ب د ت» سەھىيە، مالىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار تېمىلاردا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشتىن كۆرە، خىتاينى ياقىلاپ كەلمەكتە. ئۆتكەن بەش يىلدىن ھازىرغىچە، «ب د ت» ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇستەقىل دوكلات ئېلان قىلالمىدى.
2018-يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ « ب ت د كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» دىكى ھوقۇقى ۋە تەسىرى، شۇنداقلا « ب د ت» نىڭ ئىسرائىلىيەنى چەتكە قېقىشى سەۋەبلىك مەزكۇر كومىتېتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ « ب د ت» دا تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر كومىتېتقا قايتىپ كەلگەن. ئەمما « ب د ت» دا كۆپ قىسىم ئەزالار ئۆز مەنپەئەتى ياكى سىياسىي تۈزۈلمىسى دېموكراتىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ خاتا قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنى تەنقىد قىلىشقا پېتىنالمىغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە « ب د ت » ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى روياپقا چىقىرىش مەسىلىسى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاسىيا ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشنى تالىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

شە ئاۋغۇست 13 , 2022
سەئۇدى ئەرەبىستان ئاسىيا ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشنى تالىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

You May Like