ب د ت:كەلگۈسى يېرىم يىلدا دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلىشىدۇ

ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئاچارچىلىقتا قالغان قىزىق نۇقتا رايونلارنىڭ ئېغىر ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئالتە ئايدا سۇدان، مالى، غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئاچارچىلىقتا قالغان 18 «قىزىق نۇقتا» رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلىشىدىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىقتىسادىي خېيىم-خەتەر يەنىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاشلىقنىڭ بىخەتەر بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب. بۇنىڭ ئىچىدە غەززە، سۇدان قاتارلىق توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر. ھازىر رافادىكى ھەربىي توقۇنۇش داۋاملاشماقتا، ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا غەززە رايونىدا يېرىم نوپۇس ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈمگە دۇچ كېلىدىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى : دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل

دۈ ئىيۇن 10 , 2024
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتىن گىرىففىس 6-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردا توقۇنۇش پەسەيمىدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. گىرىففىس مۇنداق دېدى: دۇنيادا نۆۋەتتە تەخمىنەن 300 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل […]
ب د ت ئ‍نسانى ياردەم ئەھۋالى

You May Like