ب د ت مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى: ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس توقۇنۇشتا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى

شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2023-يىل 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىمۇ ئۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايى جاۋابكارلىققا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  دوكلاتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، غەززە رايونىدىكى قامالنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالار ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشى مۇراجىئەت قىلىندى. دوكلاتتا يەنە پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە غەززە رايونىنى ئەمەلىيەتتە باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىشى، تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق خادىملارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەلتۆكۈس ۋە ئادىل تەكشۈرۈشى، جىنايى قىلمىشتا مەسئۇلىيىتى بار ئاشۇ كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پاراخورلۇق سەۋەبىدىن قوغلانغان

پە ئىيۇن 27 , 2024
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پاراخورلۇق سەۋەبىدىن قوغلانغان. ختاي خەلق تورى مۇنداق خەۋەر قىلغان: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ […]
لى پېڭشىن

You May Like