ب د ت غا قاراشلىق «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» ئۈرۈمچىنى جىمجتلا زىيارەت قىلىپ، ماشڭرۈي بىلەن كۆرۈشكەن.دولقۇن ئەيسا تەنقىد قىلدى.

تۇرسۇنجان،4-سىنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ياپونىيە نىككى ئاسيانىڭ خەۋەر قىلىشچە،ب د ت غا قاراشلىق «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» ئۆتكەن ھەپتە جىمجىتلا ختاي كومپارتىيسى مۇستەملىكىسى ۋە قىرغىنچىلىقى ئ‍استىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنى پايتەختى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان.زىيارەتتە مەزكۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم باش كاتىۋى (سكرىتارى) ماشڭرۈي بىلەن سۆزلەشكەن.ماشڭرۈي مۇنداق دىگەن:ئامېرىكا ۋە غەرپ دۆلەتلىرىدىكى بەزى ختايغا قارشى كۈچلەر شنجاڭنىڭ كىشلىك ھوقۇق ساھەسدىكى نەتىجىلىرىنى كۆرمەسكە سىلىپ، شنجاڭدا مەجبۇرى ئەمگەك بار دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ.بۇ ئاساسسز يالغانچىلىق.»

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھىچقانداق شەپە بەرمەي ئۈرۈمچىنى زيارەت قىلىشى-كىشنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا نىككى ئاسياغا مۇنداق دىگەن: گەرچە بۇ تەشكىلاتنىڭ دەسلەپكى مەقسدى توغرا بولسمۇ،ئەمما ختاي بۇنىڭدىن پايدىلىنپ، جىنايەتلىرىنى يۇيۇش ۋە پىروپاگاندا ئۈچۈن ئ‍شلىتىدۇ.بۇ خەلقىمىزنىڭ ھوقۇقىغا ھىچقانداق ياردەم بەرمەيدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىسرائىلىيەدە ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى  

سە سېنتەبىر 5 , 2023
5-سىنتەبىر تېل ئاۋىۋ شەھىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر تېل ئاۋىۋدا ئېرىترىيە مۇساپىرلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 160 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ئ‍ېرتىرىيە شەرقى شمالى ئافرىقىدىكى دۆلەت بولۇپ، قېزىل دىڭىز […]

You May Like