ئامېرىكىنىڭ يېڭى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائەت سىياسىتى

1) پرېزىدېنت ترامپنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە TSMC ئارىزونادا 5 نامومېتىر (nm) لىق مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى، شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ، 2021-يىلى 2- فېۋرال

 

1) پرېزىدېنت ترامپنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە TSMC ئارىزونادا 5 نامومېتىر (nm) لىق مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى، شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

 

2) ترامپنىڭ سىياسىتى پەقەت TSMC بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ترامپ ئىمزا قويغان پەرمان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى.

 

3) بەشبۈرجەكلىك بىنا ئىنتېل شىركىتى بىلەن يېڭى زاۋۇت قۇرىدۇ. بۇ مەبلەغ ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە سانائىتىنى 4- ئەۋلاد سانائەت ئىنقىلابىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار مىكرو ئۆزەك، ئاپتوماتىك سىستېما ۋە تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. زاۋۇت قۇرۇش خىراجىتى 7 مىليارد دوللار، 12 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

 

4) ئامېرىكىنىڭ ئورېگوندىكى ھەربىي قوماندانلىق شتابىدا ئېلېكترون ۋە ئۆزەك سانائىتىنى تەتقىق قىلىشى ۋە تەرققىي قىلدۇرۇشىدا ئىنتېل شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

 

5) بەش بۇرجەكلىك بىنا ياپونىيەنىڭ بىر مەزگىل ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا تەرەپ 1980- يىللارنىڭ ئاخىرىدا Sematch دەپ ئاتىلىدىغان بىرلەشمە گەۋدە قۇرغان. بۇ فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ (semiconductor) تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى ئىلغار سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى شەكىللەندى.

 

6) بۇ قېتىم ئامېرىكا خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى يېڭى بىرلەشمە پەن-تېخنىكا ئىستىراتېگيەسىنى باشلىدى. TSMC، سامسۇڭ، ئىنتېل ۋە باشقا ئامېرىكا ئىتتىپاقداش شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېخنىكا شىركەتلىرنىڭ سىياسىتى تۆۋەندىكىچە:سۈنئىي ئىدراك، كۋانت تېخنىكىسى، يېڭى ئەۋلاد زاۋۇتلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە جىسىملار تورى ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئېكولوگىيىلىك سىستېما ۋاستىلىرى. ۋاشىنگىتون بۇ بىرلەشمە گەۋدىنى ئامېرىكىدا قۇرىدۇ.

 

7) ترامپنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، سامسۇڭ ۋە TSMC ئامېرىكىدا زاۋۇت قۇردى. TSMC نىڭ سالغان مەبلىغى 14 مىليارد دوللار. ۋاشىنگتوننىڭ سودا تولۇقلىمىسى، باجنى كېمەيتىشى ۋە دەسلەپكى 10 مىليارد دوللارلىق ياردەم مەبلىغى بۇ بىرلەشمە گەۋدىنى قوللىغان بولدى.

 

‏8) TSMC نىڭ زاۋۇتلارغا سالغان مەبلىغىدىن باشقا، تەيۋەن ئامېرىكا ئىنژېنېرلىرىغا 4- ئەۋلاد سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مىكرو ئۆزەك ياساشنى ئۆگىتىدۇ.

 

9) دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار 3 ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت TSMC، سامسۇڭ ۋە ئىنتېلنىڭ ھەمكارلىقى شۈبھىسىزكى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پرېزىدېنت ترامپنىمۇ تەقدىرلەش كېرەك. چۈنكى ترامپ خىتاينىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلدۇردى ۋە بۇ سانائى سىياسەتلەرنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزدى.

 

ئىزاھات: TSMC شىركىتى بولسا 1987- يىلى تەيۋەندە قۇرۇلغان، دۇنيادىكى تۇنجى شەخسىي ئىگىلىكتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاۋۇتى بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان بۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەت بولۇپ كەلگەن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

(پارتىلاتقۇچ خەۋەر) ب ب س: خىتتاي ئەرلىرى لاگېرلارغا كىرىپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا توپلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.

چا فېۋرال 3 , 2021
ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى ب ب س 2- فېۋرال دۇنيانى زىلزىلگە سالغان قورقۇنچلۇق خەۋەر ۋە ۋىدېئو تارقاتتى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

You May Like