ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا سياسىتى: زېمىن قايتۇرالمايسەن، ئۇرۇش توختات، ناتو يوق

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال

ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت

ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى شتاب مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقچىلىرىنى ياۋروپادا مۇداپىئەسنى مۇستەھكەملەشكە چاقىردى. چۈنكى « ئامېرىكا ئاساسىي ئېتىبارنى ناتونىڭ تىنچ ئوكياندىكى قانىتىنى ھىمايە قىلىشقا قارىتىدۇ، »دېدى ئۇ.

👉 ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقتىكى ھەربى خىراجىتى ئۈلۈشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىدىن 5 پىرسەنتىگىچە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك بولىدۇ، دېدى خېگسېت.

👉 ئۆتكەن يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتكە يېقىنىنى ناتو ھەربى خىراجىتگە ئاجرىتىپ، جەمئىي 380 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان ئىدى.

👉 ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا 3.5 پىرسەنتنى ، كانادا 1.4 پىرسەنتنى خىراجەت قىلغان.

👉 ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن ئاۋۋالقى چېگرالىرىنى ساقلاپ قېلىشى ھەم ناتوغا قوشۇلۇشى- رېئاللىقتىن يىراق بولغان ئارزۇدىن ئىبارەت.

👉 خېگسېت ئۇرۇش دىپلوماتىك يول بىلەن ئاخىرلىشىشى، ئۇكرائىناغا ياۋروپا ۋە باشقا مەملىكەتكەر ئامېرىكا بولمىغان ئەھۋالدا خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى بېرىشى كېرەك دېگەن پىكىرنى بىلدۈردى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ھىندىستانغا تاموژبا بېجى ئۆستۈرىدۇ

سە فېۋرال 18 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاق سارايدا ھىندىستان باش مىنستىرى نارېندرا مودىنى «مېنىڭ كاتتا دوستۇم» دەپ قۇچاق ئېچىپ كۈتۈۋالدى، بىراق، ئۇ شۇنىڭغا قارىماي، ھىندىستان ھەم ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويلاپ سودا ھەمكارلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان باجلاردىن مۇستەسنا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىلگىرى ھىندىستاننى «باج شاھى» دەپ تەنقىد قىلغان ترامپ، ھىندستان يولغا قويغان تاموژبا باجلىرىنى «ناھايىتى ئادالەتسىز […]

You May Like