ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى نيۇيوركتا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ باردى.

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 77-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىنيڭ بەشىنچى كۈنى بولۇپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن دۇنيا رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ تىچلىق ۋە بېخەتەرلىك، ئ‍نسان ھەقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش، بايلىق ۋە تەرەققىيات قاتارلىق تېمىلاردا ئاممىۋى ۋە يەككە مۇزاكىرىلەرنى ئىلىپ بارىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى نيۇيوركتا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ باردى.

 

ئۇيغۇر مۇخبىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-سىنتەبىر

 

بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 77-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىنيڭ بەشىنچى كۈنى بولۇپ، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن دۇنيا رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ تىچلىق ۋە بېخەتەرلىك، ئ‍نسان ھەقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش، بايلىق ۋە تەرەققىيات قاتارلىق تېمىلاردا ئاممىۋى ۋە يەككە مۇزاكىرىلەرنى ئىلىپ بارىدۇ.

24-سىنتەبىر شەنبە كۈنى سەھەر 4:40 دە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋېرگىنيەدىن ئىككى ئاپتۇۋز بىلەن، پېنسلۋانىيە، نيۇيورك ۋە مارىلاند قاتارلىق شتات ۋە شەھەرلەردىن

 تارقاق ماشنىلار بىلەن يولغا چىقىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابى ئالدىغا توپلاندى.

 

نامايىشچى ئامما تۈرلۈك پىلاكات ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ  رەسملىرىنى كۆتۈرۈپ، ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئۇيغۇر قىرغىنىچىلىقى »سياستى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى مۇستەملىكە قىلىش جىنايتىگە قارشى كۈچلۈك نامايىش ئىلىپ باردى.

نامايىشقا جەمئى 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاممىسى قاتناشقان بولۇپ،نامايىشنى تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈچ كۈن ئاچلىق ئىلان قىلىشنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمسنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم ، لاگىر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنلار ھىچقانداق بوشاشماستىن يولباشلاپ ماڭدى.

نامايىشچىلار يەنە نيويورك دەۋر مەيدانىدا ختتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيلەش لاگىرلىرىغا قامالغان بېگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ رەسملىرىنى كۆتۈرۈپ، بىر مەيدان قسقا ئەمما تەسرلىك نارازىلىق نامايىشى ئىلىپ باردى.

بىر قسم تورداشلار مۇنداق دەپ ئىنكاس بىلدۈردى: نامايىشنى كۆزگە ئىلمىغانلىقئۇيغۇرنىڭ كۈچىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق،ختتاي نامايشلىرىمىزدىن قورقىدۇ، چۈنكى دۇنيا نامايىشلار ئارقىلىق ختتاينىڭ زوراۋانلىقى ۋە جىنايەتلىرىنى بىلىدۇ،ئەگەر بىز نامايشىمۇ قىلمىساق،سپىمىز بارغانسىرى ئاجىزلايدۇ،شۇڭا نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان ئاساستا باشقا ھەرىكەتلەرنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشمىز كىرەك.

 

مەزكۇر خەۋەرنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئامېرىكا مۇخبىرلىرىدىن ئابدۇۋرەئۇف يېزىشقا ھەسسە قوشتى.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

دۈ سېنتەبىر 26 , 2022
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

You May Like