ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ۋاشىنگىتون، مارىلەند، ۋە ۋىرجىنىيا رايۇنى ئېتقادلار- ئارا يېتەكچىلەر يىغىنى

ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى( يەنى 26-يانىۋار) ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا ئونىۋېرسىتىتىنىڭ خەلىقئارا مۇلازىمەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ۋاشىنگىتون، مارىلەند، ۋە ۋىرجىنىيا رايۇنى ئىتقادلار-ئارا يېتەكچىلەر يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

2019-يىلى 24- يانۋار

تەييارلىغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

  ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى( يەنى 26-يانىۋار) ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا ئونىۋېرسىتىتىنىڭ خەلىقئارا مۇلازىمەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ۋاشىنگىتون، مارىلەند، ۋە ۋىرجىنىيا رايۇنى ئىتقادلار-ئارا يېتەكچىلەر يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ. يىغىن ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:15 گىچە. بۇ يىغىن ھەرخىل ئېتىقاد، ھەرخىل كۈلتۈر ۋە ھەرخىل ئىرقتىن تەركىپ تاپقان ياش يىتەكچىلەرنىڭ ئۆز-ئارا پىركىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ يىغىندا يەنە ئوخشىمىغان تېمىلاردا قىسقا كۇرۇس(يەنى Workshop) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئويلار ۋە دۇئالار» (يەنى Thoughts and Prayers ) ناملىق قىسقا كۇرۇستا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى توغۇرسىدا سۆز قىلىندۇ. بۇ قىسقا كۇرۇسنىڭ ئىنگىلىزچىدىكى تۇلۇق تېمىسى مۇنداق: «Thoughts and Prayers»: Responding to the news with powerful, effective prayer     بۇ يىغىنغا 18 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ھەرقانداق كىشى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ. تىزىملىتىش ھەققى 20 دوللار. تىزىملىتىش ئادىرسى تۆۋەندىكىچە: https://www.eventbrite.com/e/dmv-interfaith-leadership-summit-tickets-53665451811 ۋاشىنگىتون، مارىيلەند، ۋە ۋىرجىنىيا ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شارائىتى يار بەرگەنلەرنىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇشبۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تەۋىسىيە قىلىمىز. بۇ يىغىلىش ئامېرىكىدىكى ھەرخىل دىنلار ۋە ئوخشىمىغان ئېقىملاردىن تەركىب تاپقان كىشىلەر قاتنىشىدىغان ناھايتى مۇھىم پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتنى تۇنۇشتۇرۇش پۇرسىتى. بۇ يىىغنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا قاراتقان مىللى ۋە دىننى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئامېرىكىلىقلارغا ۋە خەلىقئارا جەمىيەتكە كۆرسىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلانساق بولىدۇ .بۇ يىغىن توغۇرسىدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ تور بېتىگە كىرەلەيسىز. https://ifcmw.org/programs/summit

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تۈركىيە،ختتاي،روسيە ئامېرىكىغا قارشى ۋىنسۇئىلا دىكتاتۇرى مادۇرونى قوللىدى.

پە يانۋار 24 , 2019
ئامېرىكا پىرزدىنتى دونالد تىرامپ لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى ۋىنسۇ ئىلادا ئىلىپ بىرىلغان ئادالەتسز سايلامدىن كىين بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى دىكتاتۇر ھۆكۇمرانى نىكولاس مادۇروغا قارشى ھالدا ئۆكتىچى پارتىيە نامزاتى گۇۋادۇنى خەلق سايلاپ چىققان قانۇنلۇق پىرزدىنت دەپ قوللايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى،شۇنىڭ بىلەن ۋىنسۇئىلا دىكتاتۇرى مادۇرو بايانات ئىلان قىلىپ،ئامېرىكا دىپلوماتلىرى بۇ دۆلەتتىن 72 سائەتكىچە چېكىنىشى كىرەك ،بارلىق دىپلوماتىيك مۇناسۋەتلىرىمىزنى ئۇزىمىز دىدى.

You May Like