ئامېرىكا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 3-ئاپرىل «301 تەكشۈرۈشى»نىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ تىزىملىك ھەر يىلى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنىدىغان قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋارغا چېتىلىدۇ. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئاساسلىقى ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى، ئالەم قاتنىشى-ئاۋىياتسىيە، ماشىنا ئادەم، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى جۇڭگودىن كەلگەن 1300 تۈرلۈك تاۋاردىن تاموژنا بېجىنى %25 قوشۇپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. باياناتتا، كۆپچىلىك 11-مايدىن بۇرۇن سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىغا تىزىملىكنىڭ مەزمۇنى ۋە باج نىسبىتى ئۈستىدە يازما پىكرىنى تاپشۇرسا بولىدۇ، دېيىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق جۇڭگودىن ئالىدىغان تاموژنا بىجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى

چا ئاپرېل 25 , 2018
تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارار قىلىندى

You May Like