ئامېرىكا ھىندىستانغا تاموژبا بېجى ئۆستۈرىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال

پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاق سارايدا ھىندىستان باش مىنستىرى نارېندرا مودىنى «مېنىڭ كاتتا دوستۇم» دەپ قۇچاق ئېچىپ كۈتۈۋالدى، بىراق، ئۇ شۇنىڭغا قارىماي، ھىندىستان ھەم ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويلاپ سودا ھەمكارلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان باجلاردىن مۇستەسنا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى ھىندىستاننى «باج شاھى» دەپ تەنقىد قىلغان ترامپ، ھىندستان يولغا قويغان تاموژبا باجلىرىنى «ناھايىتى ئادالەتسىز ۋە كەسكىن» دەپ ئاتىدى.

«ھىندىستان قانچە باج ئۆستۈرسە، بىز ھەم شۇنچە ئۆستۈرىمىز، – دېدى ترامپ مودى بىلەن يانمۇ-يان ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات يېغىندا. – شۇنداق ئىكەن، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئەندى ئۇلار قانچە باج قويۇشىنىڭ بىزگە ئۇنچىلىك ئەھمىيىتى يوق.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر قىزى نەيرۇلا تايلاند سوتىدا قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن

سە فېۋرال 18 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست نەيرۇلا 14-فېۋرال جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا 12 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ھېكايىسى ۋە ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ […]
ئۇيغۇر قىزى نەيرۇلا تايلاند سوتىدا قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست نەيرۇلا 14-فېۋرال جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا 12 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ھېكايىسى ۋە ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر جايلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان. نەيرۇلا ئىلگىرى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى. تايلاند سوتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى سوتتا مۇھاكىمە قىلىشى بىر ئىجابىي قەدەم بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

You May Like