ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»قۇرۇلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولغان پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى-Uyghur Caucus» قۇرۇلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە، «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى»قۇرۇلدى.

ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

29-ئېيۇل، 2021-يىلى

ئەسلى مەنبەسى: ئاكسيوس خەۋەرلىرى

 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن بولغان پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى-Uyghur Caucus» قۇرۇلدى.

 

مەقسەت:«21-ئەسردىكى ئەڭ چوڭ ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە لازىم بولغان قانۇن تۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى قوللاش »

تەشكىللىگۈچىلەر: دىموكراتلار پارتىيسى نېيۇ يورك شتاتىدىن كەلگەن پالاتا ئەزاسى توم سۇئۇززى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ  يېڭى جېرسى شتاتىدىن كەلگەن پالاتا ئەزاسى كېرىس سىمىس قاتارلىقلار.

ئالاقىدار سۆزلەر:

« سز ختتايدىن ستېۋالىدىغان مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن ئ‍شلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئەرزان،شۇڭا سز ئەگەر بىز شنجاڭدىن كەلگەن مەھسۇلاتنى ئالمىساق، مال باھاسى ئ‍ۆرلەيدۇ دېيشىڭىز مۇمكىن.ئەمما بۇ ئىنتايىن يامان بىر ئ‍ش.بۇ بىر ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى قوزغىشى كىرەك بولغان ئ‍ش 

دىموكراتلار پارتىيسى نېيۇ يورك شتاتىدىن كەلگەن پالاتا ئەزاسى توم سۇئۇززى.

 

«يۈز بېرىۋاتقان ئېرقى قېرغىنچىلىق،ئۇيغۇر ۋە باشقا قازاقلارغا ئوخشاش كۆپچىلىكى مۇسۇلمان ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى زور كۆلەمدە قاماش بولساختتاي كوممۇنېستىك پارتېيسى تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ۋەھشى جىنايەتلەردۇر.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ  يېڭى جېرسى شتاتىدىن كەلگەن پالاتا ئەزاسى كېرىس سىمىس

 

دۆلەت مەجلىسى ئىلان قىلغان ئالاقىدار باياناتتا ئۇيغۇر ھەرىكىتى دىرىكتورى روشەن ئابباس خانىمنىڭ مونۇ سۆزى نەقلى قىلىنغاندۆلەت مەجلىسدە،ئۇيغۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسس قىلىنىشىختتاي كوممۇنست پارتىيسنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلىش سياستى ۋە دۇنيا بويلاپ دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقنىڭ بىر بەلگىسى.مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسدىكى بۇ تەرەققىيات ئۈچۈن چەكسز مىننەتدارمەن، بۇ ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ ئاساسى ئېقىمغا كىرگەنلىكىنىڭ ھەقىقى سگنالى.بىز دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى سۇززويغا دۆلەت مەجلىسدە مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇش ئىدىيسنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىمىزدا،بىز ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئاۋانگارت بىر كىشگە سۆزلىگەنلىكىمىزنى بىلەتتۇق.بىز ئۇنىڭ مەزكۇر پىلاننى دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرستوف سىمىسقا سۇنغانلىقى ئۇچۇنمۇ كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز.بىز دۇنيانىڭ مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسنى ئۆز دۆلەتلىرىدە ئەگشىپ يولغا قويىدىغان ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرۈشنى ۋە بۇ ئېرقى قېرغىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئېتتپاقداش قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

قەلب ۋە روھ: ئۇيغۇر شائىرلىرى

پە ئىيۇل 29 , 2021
قەلب ۋە روھ: ئۇيغۇر شائىرلىرى

You May Like