ئامېرىكا ئاۋازى: خىتاي ھۆكىمىتى «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ قايتا تەبىيىلەش لاگېرلىرىغا بولغان تەنقىدلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي ھۆكىمىتى دۈشەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 18- كۈنى) شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئالاقىدار ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ،

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 18- مارت

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-18

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي ھۆكىمىتى دۈشەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 18- كۈنى) شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئالاقىدار ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ھۆكىمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) قانۇن بويىچە تېرورېزمغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، « قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ تېرورلۇق پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) « قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىق ئىكەن.

ختاي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 18- چىسلا ئېلان قىلغان « شىنجاڭنىڭ تېرورېزىمغا قارشى تۇرىشى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۆرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى » ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا بىلدۈرۈشىچە، « شىنجاڭ رايونى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان-تېرورچى كۈچلەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن »، دائىرىلەر 2014- يىلىدىن بېرى 12995 «زوراۋان تېرورچى»نى قولغا ئالغان، 4858 قېتىم «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى تەكشۈرۈپ چىققان، بۇ 30645 كىشىگە چېتىلغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا دېيىلىشىچە، خىتاي بولسا سوتسيالىستىك قانۇن دۆلىتى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش بولسا خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ پرىنسىپى، شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە « ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمەتلىرى ب د ت نىڭ تېرورېزمغا زەربە بېرىش، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تۈپ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كىلىدىكەن.

ئاق تاشلىق كىتاب 7 ئابزاس بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىپ كەلگەن شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) « قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، لاگېرلارنىڭ « قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

ئاق تاشلىق كىتاپتا دېيىلىشىچە، تەربىيىلەش مەركىزىگە ( جازا لاگىرى) كىرگەنلەر ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن: 1) تېرورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرىتىلگەنلەر، مەجبۇرىلانغانلار، ئېزىقتۇرۇلغانلار، ۋە ياكى تېرورلۇق پائالىيەتلەر، ئەسەبىي پائالىيەتلەرگە يىنىك دەرىجىدە قاتنىشىپ، تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەر؛ 2) رېئالى خەتەرگە ئىگە، تېخى ئەمەلى زىيان- زەخمەت سادىر قىلمىغان، سۇبيېكتىپ يامان خاراكتېرى چوڭقۇر ئەمەس، گۇناھىغا تۆبە قىلىپ ئۆزگىرەلەيدىغان، قانۇن بىلەن جىنايى جازاسىنى بىكار قىلىشقا بولىدىغان، ئۆزلىگىدىن تەربيىلىنىشنى خالايدىغان كىشىلەر؛ 3) زوراۋان- تېرورلۇق، ئەسەبىيلىك سەۋەبىدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان، جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بىرىلىشتىن ئېلگىرى يەنىلا جەمئىيەتكە خەۋپى بار دەپ باھالىنىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بىلەن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تەربىيلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىشىلەر.

بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى، مېدىيا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) قىلمىشلىرىغا بولغان ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاس دەپ قارالماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) خىتاي بۆلىمىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سۇڭليەن ئامېرىكا ئاۋازىغا قايتۇرغان يېزىقچە باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە بولغان ئەيىبلەشلەرنى يوق قىلىش ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكىمىتى ئېلگىرى « تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى»  ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن، 2018 – يىلى يازدا ئاندىن بۇنداق ئۇرۇنلارنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مەسىلىسىدە « قايتۇرما ھوجۇمغا » ئۆتىشى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە قارىتا جىددىيلىشىۋاتلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىشى مۇمكىنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكىمىتى يولغا قۇيۇۋاتقان «بىر يول بىر بەلۋاغ» تۈرىدىكى مۇسۇلمانلار دۆلەتلىرىگە قارىتا.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، ئەگەر خىتاي ھۆكىمىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) يۇشۇرىدىغانلىرى يوقلىقىغا ئەمىن بولسا، ب د ت قاتارلىق مۇستەقىل خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2018- يىللىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، خىتايدا خالىغانچە تۇتۇش ۋە قاماپ قويۇش يەنىلا ئېغىر مەسىلە ئىكەن.

بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : « ئۆتكەنكى بىر يىلدا، خىتاي ھۆكىمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك قاماققا ئېلىش ھەرىكىتىنى كۆرۈنەرلىك تېزلەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر 800 مىڭدىن بەلكىم 2 مىليوندىن ئوشۇق بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قامىغان. (خىتاي) ھۆكىمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جار سېلىشىچە، جازا لاگېرلىرى تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ئۈچۈن كېرەك ئىكەن. خەلقئارا مېدىيا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئېلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ دېيىشىچە، جازا لاگېرلىرىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى بەزى تۇتقۇنلارغا زۇلۇم قىلغان، قىينىغان ۋە ئۆلتۈرىۋەتكەن .»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت)، بەزى كىشىلەر كېڭەيتىلىپ قۇرۇلىۋاتقان قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۆلۈم ۋەقەلىرى 2018- يىلىدىن ئېلگىرى يۈز بەرگەن، ئۆلۈم خەۋەرلىرى بەزى تۇتقۇنلار باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن ئاران ئاشكارىلانغان.

بىراق خىتاينىڭ « شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» دا دېيىلىشىچە، تەربىيىلەش مەركەزلىرى « كۇرسانتلارنىڭ نورمال ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ»، « كۇرسانتلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدۇ.»

ئاق تاشلىق كىتابتا دېيىلىشىچە، « دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە، مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىش يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەكتەپتىكى كۇرسانتلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە دىننى پائالىيەت قىلىشى، تەشكىللىشى چەكلىنىدۇ.» 

خىتاي ھۆكىمىتى شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئالاقىدار ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىشتىن ئېلگىرى، ئامېرىكىنىڭ « نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» يەكشەنبە كۈنى (3- ئاينىڭ 17- كۈنى) باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئاچقان قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى بولسا « شەپقەتسىز ياتاقلىق مەكتەپ »(brutal boarding school) دەپ ئاتىغان. باش ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزلۇق ئىكەن.

بۇ باش ماقالىدە يەنە، كەڭ كۆلەملىك مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بولسا بىر خىل زۇۋانلىق ئىكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش نامىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ DNA سىنى يىغقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/china-xinjiang-white-paper/4835587.html?utm_source=dlvr.it&utm_medium=twitter

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

شىۋىتسىيە خىتاينى ئاساسلىق تەھدىت قاتارىغا كىرگۈزدى

چا مارت 20 , 2019
14- مارت، شىۋىتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2018- يىللىق بىخەتەرلىك دوكىلاتىدا خىتاي بىلەن روسىيەنى «شىۋىتسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل» دەپ باھالىغان.

You May Like