ئامېرىكا 2024-يىللىق سايلام مۇنازىرىسدە كامالا ھاررىس ئۇتتى، ئۇيغۇر مەسلىسى تىلغا ئىلىنمىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-سىنتەبىر

2024-يىللىق ئامېرىكا پىرەزدىنتلىق سايلام مۇنازىرسى ئا ب س تېلىۋىزىيەسى تارقىتشىدا، پىنسلۋانىيە شتاتى پىلادىلفىيە شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى سابىق پىرەزدىنت دونالد تىرامپ بىلەن دىموكراتلار پارتىيسى نامزاتى مۇئاۋىن پىرەزدىنت كامالا ھاررس ئوتتۇرسىدا ئ‍ىلىپ بىرىلغان.

سايلام مۇنازىرسى ئاساسەن ئامېرىكا ئىچكى ئ‍شىلىرىغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن بولۇپ، چىگرا ۋە كۆچمەنلىك، پۇل پاخاللىقى ۋە ئېقتساد، ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىق دائىملىق تېمىلارغا مەركەزلەشكەن ۋە تاشقى سياسەتكىمۇ ئورۇن بىرىلگەن.

كۆپ قسم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشچە، بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە كامالا ھاررىسنىڭ نەتىجىسى ئويلىمىغان يەردىن ئالاھىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولۇپ، سى ئەن ئەن نىڭ ئەلرايى تەكشۈرىشدە، 63% كىشى كامالا ھاررىسنى ئۇتتى دەپ قارىغان.

ۋول سچرىت گېزىتىدە مۇنداق دىيىلدى: تىرامپ ئۆزىگە پايدىلىق تېمىلاردا كامالا ھاررىسقا يتەرلىك كۈچلۈك زەربە بىرەلمەي، كامالانىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا مۇداپىئەگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.

كۆپ قسم لىبراللار، سەنئەتكارلار كامالا ھاررسنى قوللايدۇ، مۇنازىرىدىن كىين داڭلىق ناخشىچى تايلور سۋىفت كامالانى قوللايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۈركىيە ختاي باشچلىقىدىكى «كېسەك»دۆلەتلەر ئېتتپاقىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن رەسمى ئىلتىماس سۇندى

پە سېنتەبىر 12 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-سىنتەبىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىۋىنى ئاغدۇرۇپ يېڭى تۈزۈم تەشكىللەشنى غايە قىلغان ختاي ۋە روسيە باشچىلىقىدىكى بىرىكىس Bricks -كېسەك دۆلەتلەر ئېتتپاقىغا ئەزا بولۇشقا قانۇنى شەكىلدە رەسمى دىپلوماتىك ئىلتىماس تاپشۇردى. بىرىكىس يېقىنقى يىللاردا بىر يۈرۈش كۈچلۈك تۈزۈملەرنى يولغا قويماقتا بولۇپ، ئاشكارا ھالدا غەرپكە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، دوللار ئورنىغا […]
ئەردوغان

You May Like