ئابدۇۋەلى ئايۇپ: بىز جۇمھۇرىيەت قۇرغاندا

بىز تۇنجى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغاندا مۇسۇلمان دۇنياسى تېخى جۇمھۇرىيەت دېگەن سۆزنىڭ قۇرئاندا بار يوقلۇقى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقان ۋە تالىشىۋاتقان ئىدى. بۇ تالاش تارتىش تېخىچە ئۇلاردا بىرەر نوپۇزلۇق جاۋاپقا ساھىپ بولالمىدى. ئەمما ئەجداتلىرىمىز دۇنيادا تۇنجى ئىسلام بىلەن ئاتالغان جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىقتى.

بىز تۇنجى ئاساسى قانۇننى ئېلان قىلغاندا تېخى ئىسلام دۇنياسىدا دۆلەتنى، پۇقرانى ۋە جەمئىيەتنى ئىنساننىڭ ئەمەس قانۇننىڭ باشقۇرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەپەككۇرر قاناتلانمىغان ئىدى. ئەجداتلىرىمىز ئادەمنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالغان ئىسلام دۇنياسىغا قارشى ھالدا ھەممە ئادەم قانۇننىڭ ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان بىر ھالەتكە قەدەم باستى.

ئىسلام دۇنياسىدا ھوقۇق ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان، پۇقرانىڭ بويسۇنۇشتىن باشقا يولى بولمايدىغان بىر زاماندا قەشقەردە دېموكراتىك سايلام بولدى. 1933-يىلى نۇيابىردا ئىستىقلال جەمئىيتى ئەزالىرى قەشقەردە سايلام قىلىپ خوجا نىياز ھاجىنى رەئىس جۇمھۇر قىلىپ تاللىدى. ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپى سايلامنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇلار دۆلەتنى يا بىرەر دىنىي مەۋلىۋى، ئەۋلىيا ياكى كاھىنلارنىڭ ئەۋلادىغا تاشلاپ بېرىپ پېشىدە ئىستىقامەت قىلاتتى، ياكى پادىشاھ پۇشتىدىن بولغان بىرەر تەلەيلىكنىڭ ھاكىمىيىتىگە بەيئەت قىلىپ ئۇلارنىڭ توغرا قىلغانلىرىنى ھىكمەت، خاتالىقلىرىنى ئىبرەت، سەدىقە قىلغانلىرىنى نىمەت دەپ بىلىپ تىرىكچىلىكنى داۋام قىلاتتى. ئۇلار قانۇننى تۈزىدىغان زىيالىلار ، شۇ تۈزۈلگەن قانۇن بويىچە ھۆكۈمگە ئارىلىشىدىغان تەپتىشلەر، سوتچىلار، شۇنداقلا ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدىغان ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ ئورگان ۋە خادىملارنىڭ بىر بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىر بىرىگە باغلانماي ئايرىم ئايرىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇلاردا ھۆكۈمران ھەم قانۇن، ھەم قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھەمدە شۇ قانۇننى ئۆزى خالىغانچە ئىجرا قىلغۇچى ئىدى.

بىزنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئەجدادىمىز مۇسۇلمان دۇنياسىدا دېموكراتىيە دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى ئومۇملاشماستا، ئۇنى خەلقچىللىق دەپ ئۇيغۇرچە چۈشىنىپ، قانۇن تۈزىدىغان پارلامېنتنى كېڭەش، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا ئائىت تارماقلارنى ئەدىلىيە، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان، دېپلۇماتىيە، ئارمىيە، ساقچى، تۈرمە ۋە باجلارنى باشقۇردىغان قۇرۇلمىنى ھۆكۈمەت دەپ ئاتاپ بولغان. دانا بوۋىلار ھۆكۈمەت، ئەدىلىيە ۋە پارلامېنت دېگەن بىر بىرىدىن مۇستەقىل ئۈچ ئورگاننى بەرپا قىلغان. ئۇلار شۇ چاغدىلا ھەممىنىڭ ئالدىدا دېموكراتىيەنىڭ سايلام، ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش قاتارلىق پىرىنسىپلىرىنى ئاللىقاچان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان ئىدى.

بىز جۇمھۇرىيەت قۇرغاندا مۇسۇلمان دۇنياسى ئەينى چاغدىكى پارلامېنت تۈزگەن ئاساسى قانۇنغا ھوقۇقى بار رەئىسنىڭ، قوشۇنى بار قۇمانداننىڭ، زېمىندار زەردارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چات كېرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئارىلىشىپ ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمايتتى. ئۇلار بايلىق، ھوقۇق ۋە قورال بار گورۇھ ۋە ۋە كىشىلەردە قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقىنى، قانۇن تۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىجراسىغا ئارىلىشالماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. قولىدا ئون مىڭغا يېقىن قوشۇنى بار مەھمۇت موھىدىنىڭ پەقەت رەئىسلىك ئۇنۋانى بار خوجانىياز ھاجىغا نېمە ئۈچۈن ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. ئۇلار يەنە رەئىس جۇمھۇرى خوجانىياز ھاجىنى سايلىغان باش قۇماندان مەھمۇت مۇھىدى ۋە دۆلەتنى قۇرۇشتا تەشەببۇسكار بولغان سابىت دامولامنىڭ رەئىسنىڭ پەرمانى بويىچە ماڭىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيتتى.

مانا بۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى جاھالەت، ۋە شۇ جاھالەتلىك دەۋىردە ئەجداتلار ئېرىشكەن مەرىپەت، ئىلغارلىق، زامانىۋىيلىق. مانا بۇ زامانىۋىي جۇمھۇرىيەت قۇرغان سەرخللاردىكى دېموكراتىك پەزىلەت، مانا بۇ ئۆزى سايلىغان يېتەكچىگە بولغان ساداقەت، مانا بۇ خەلق تاپشۇرغان ئامانەتكە بولغان سەمىمىيەت ئىدى.

بىز جۇمھۇرىيەت قۇرغاندا ھەرگىزمۇ دېموكراتىك تۈزۈمنى شۇ چاغدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى، قوللىشى ۋە مەدەتكارلىقىنى تىلەپ بەرپا قىلغان ئەمەس. بىز بەرپا قىلغان دېموكراتىك تۈزۈم پەقەتلا غەرپ تەسىرىدە ئوقۇغان ئابدۇللا روزىباقىيىۋ، نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت، مەسئۇت سەبىرى، تۇرسۇن ئەپەندى، نىزامىددىن ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەنلا بولغان ئەمەس، بەلكى قۇتلۇق شەۋىقى، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام، سابىت داموللا ۋە زىرىپ قارىھاجىمغا ئوخشاش ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇغان زىيالىلارنىڭ ئورتاق ئەقلى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن.

بىز خۇددى ئىسلامنى قىلىچتىن قورقۇپ قوبۇل قىلمىغاندەك، دېموكراتىيەنىمۇ پۇلنىڭ تاماسى ياكى دۇنيانىڭ ئىتىراپ تەشنالىقىدا قوبۇل قىلغان ئەمەس. بىز جۇمھۇرىيەت قۇرغاندا، دېموكراتىيەگە قۇچاق ئاچقاندا مىللىتىمىزدىكى قەدىمدىن كەلگەن ئۇيغۇرلۇق روھى تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇيغۇردىكى شەخسكە چوقۇنمايدىغان، نەسەپكە تېۋىنمايدىغان، ئادىمىيلىكنى قەدىرلەيدىغان، مۇستەبىتلىككە بۇيسۇنمايدىغان، كېڭەشكە، جامائەتچىلىككە، ھەمكارلىق ۋە لاپقۇتلاشقانغا كۆنۈك روھ نەتىجىسىدە دېموكراتىيە دېگەن بۇ يېڭى ئۇقۇم ئۇيغۇرلۇق روھىغا سىڭىشىپ مەنىۋىيىتىمىزگە ئاسانلا يىلتىز تارتقان.

بىز جۇمھۇرىيەت قۇرغاندا دېموكراتىيە ئۇيغۇرلۇق روھىغا يېڭى مەزمۇن قوشقان. تارىختىن بۇيان توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمما تۈپ پىرىنسىپلاردىن ۋاز كەچمەيدىغان بۇ ئۇيغۇرلۇق روھى پۇسەت تاپسىلا يېڭى بىر قىياپەتتە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇر 1933-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ 11 يىلدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم قۇرغان دۆلەتنىمۇ جۇمھۇرىيەت دەپ ئاتىغان. خۇددى بىرىنجى جۇمھۇرىيەتكە ئوخشاش 1944-يىلدىكى جۇمھۇرىيەتنىمۇ غەرپتە، شەرقتە ئوقۇغان، دىندا ۋە پەندە تەلىم ئالغان زىيالىلار، بايلار، يۇرت ئاقساقاللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇرلار ئورتاق تاللىغان. چۈنكى ئۇيغۇردا قەدىمدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان روھ جاھالەتلىك يەككىلىكنىڭ، ئاسارەتلىك قۇللۇقنىڭ، ئىنسانغا چوقۇنۇشنىڭ، ماددىنى ئۇلۇغلاشنىڭ روھى ئەمەس بەلكى سائادەتلىك جەملىكلنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ، تەڭلىكنىڭ ۋە مۇستەقىل ئىرادىنى ئۇلۇغلاشنىڭ روھى ئىدى. ئۇيغۇرلۇق روھى زامانغا، تەرەققىياتقا، ھۆرلۈككە، ئىلىمگە ئۇيۇشقان روھلارنىڭ مۇجەسسەمى ئىدى. بىزدىكى جەملىنىشكە، جەمىيەتلىنىشكە، كېڭەشلىك ھەرىكەتكە، جامائەت قوينىدا ياشاشقا بولغان ئىنتىلىش؛ جۇغلىشىپ، جۈرئەتلىنىپ ئۆزلىكمىزنى، ھۆرلۈكىمىزنى، مۈلكىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى قوغداشقا بولغان تەشنالىق جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى تاللاشنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان ئىدى.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئېقتساد: خەلىپىلىك ئ‍اۋىئاتسيەسى (Emirates) 52 مىلياردقا 95 دانە بوئىن (Boeing)ئايروپىلانى بۇيرۇتتى

دۈ نويابىر 13 , 2023
ۇرغۇنجان تەييارلىدى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئاۋىئاتسيە شركىتى بولغان خەلىپىلىك ئ‍اۋىئاتسيەسى (Emirates) ئامېرىكا بوئىن (Boeing)شركىتىدىن 95 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇيرۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئاۋىئاتسيە شركىتىنىڭ ئامېرىكا بوئىن شركىتىدىن بۇيرۇتقان ئايروپىلان سانى 205 كە يەتتى.خەلىپىلىك ئ‍اۋىئاتسيەسى (Emirates)دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بوئىن ئايروپىلانى بار بولغان ئاۋىئاتسيە شركىتىگە ئايلاندى. بوئىن -777 (9)ئايروپىلانى يەككە […]
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى

You May Like