Home » ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2023-يىللىق لىنگاپاكىس خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئ‍ېرشتى؛

ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2023-يىللىق لىنگاپاكىس خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئ‍ېرشتى؛

by uyghurtimesuyghur
ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇكاپاتقا ئېرشتى؛

ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2023-يىللىق لىنگاپاكىس خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛
27-سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

26-سېنتەبر كۈنى دۇنيادىكى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە تىل پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات-لىنگاپاكس (Linguapax International) بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: بىز ياۋروپا ئانا تىل كۈنىنى بىر قالتىس خوش خەۋەر بىلەن تەبرىكلەيمىز،2023-يىللىق خەلقئارا لىنگاپاكس مۇكاپاتىنىڭ ئۇتقۇچىسى- ئۇيغۇر تىلشۇناس، پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇۋەلى ئايۇپتۇر.»
لىنگاپاكس خەلقئارا مۇكاپاتى (Linguapax International) تىلشۇناسلارنىڭ نوبل مۇكاپاتى دەپ قارىلىدىغان مۇھىم مۇكاپات بولۇپ، خەلقئارادىكى تىل تەتقىقاتى، تىل ئوقۇتۇشى، تىل ۋە مەدەنىيەت قوغداش ھەرىكەتلىرى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقە ۋە تىل كۆپخىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھېمايە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى لىنگاپاكس خەلقئارا تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.
مەزكۇر مۇكاپات ئىلانىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:ئابدۇۋەلى ئايۇپ -ئۆز ۋەتىنىدە تۈركى تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا ئۆزىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا بېغىشلىغان.ئابدۇۋەلى ئۆز يۇرتى قەشقەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىدە،ختاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتۇشنى چەكلەش سىياسىتىگە قارشى ھالدا ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنى ئاچقان…بۇ ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىنىشقا ئۇچراپ، خورلاش ۋە ئازابلار ئىچىدە 17 ئاي قاماقتا ياتقان.كىيىن نۇرغۇن جەريانلاردىن كىيىن ئاۋال تۈركىيە ئاندىن ھازىر نورۋىگىيەدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىدا، ئۇيغۇر تىلىنى ھېمايە قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلىرىنى پاش قىلغان.ئۇ 2016-يىلى قۇرغان ئۇيغۇر ياردەم (Uyghur Hjelp) تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىرلىكتە دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنى قۇرۇشقا ياردەم قىلغان.ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرى، ئۇيغۇرچە كىتابلار، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.2023-يىلى ئاپرىلدا، ئابدۇۋەلى بىرلىندا ئۇيغۇر تىلى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى قىزغىنلىقى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دىدى:

«مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىين بۇ مۇكاپاتنىڭ بۇرۇنقى ساھىبلىرى ئالاقە قىلىپ تەبرىكلىدى، ئەمما مۇكاپاتلاردىن ھاياجانلىنالمىدىم، مۇكاپات سۆزىدە ئاساسلىقى ئۆتمۈشۈم گەۋدىلىنىپتۇ، مەنچە بالىلارغا ئەسەر يېزىش مۇھىم، بۇ تەرەپ گەۋدىلەنمەپتۇ، ماڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بالىلارنىڭ بۇ تىلدا كىتاپ ئوقۇشى، قوشاق ئاڭلىشى مۇھىم.چوڭلارنى خوش قىلمىساممۇ بولىدۇ،چۈنكى ئۇلار بۇ تىلنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار كىتابى، كانىكول، ئانا تىل فېستىۋالى، ئانا تىل ئولىمپىك»بۇ ھەرىكەتلىرىم ھەققىدە ئۇچۇرلار باھالانماپتۇ.»

ئالاقىدار ئەسەرلەر ئ‍ۈچۈن: https://uyghur.uyghurtimes.com/category/aptorlar/abduweli-ayup/

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment