ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: 10 يىللىق قارا قىسمەت

قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى، شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى. قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن، نىمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

( مىللىتى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىۋاتقان ئوت يۈرەك ئۇيغۇرلارغا تەقدىم.)

 

 

قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى، شامال دارىپ كىكەچ قىلدى تىلىمنى. قۇلۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچ مەن، نىمەم بىلەن قىلاي رازى ئېلىمنى؟

قارا يىللار بۆشۈكىگە تۇغۇلدۇم، تۇغۇلدۇميۇ، قەپەز ئىچرە بۇغۇلدۇم. ئۆمرۈم مېنىڭ ھەسرەت بىلەن ئۆتەرمۇ؟ ئەلگە خىزمەت قىلاي دىگەن ئوغۇلتۇم.

يوق ئ‍ىدىم، بىر كېچە بار قىلدى مېنى، بار قىلدىيۇ، جاپاغا دۇچار قىلدى مېنى. يەتمەسمىدى شۇ، پەرزەنت تاپقىنىم نىمە؟ ساراڭلىقىم تولا گۇناھكار قىلدى مېنى.

مېنىڭ مەن بولمىقىم ئ‍ۆز مەيلىم ئەمەس، يا ئۇرۇق-سېمىزلىك تۈپەيلىم ئەمەس. ئ‍ۆز يۇرتتا مۇساپىر، ئۆز يۇرتتا غېرىب، بولمىقىم ھەرگىز ئ‍ۆز خۇي-پەيلىم ئەمەس.

تىرىك دېسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە بانا يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش، كۈندە غەم، دەردىم ئېيتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ يۆنلىشىنى ئۆزگەرتىۋاتامدۇ؟

سە نويابىر 13 , 2018
جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن، دىئاسپورادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا يىڭى بىر پىكىر ئىقىمى شەكىللىنىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ باشلامچىلىرىغىچە، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلاردىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلىم ئەھلىلىرىگىچە،

You May Like