ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىتاي تەشكىلاتلىرى، داڭلىق خىتاي پائالىيەتچلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىرقچى ۋىي جىڭشىڭغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىرىدۇ.

خىتاينىڭ تونۇلغان ئاتالمىش «دېموكراتىيە جەڭچىسى» ۋىي جىڭشىڭ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خىتايچە قانىلى ۋە ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا ئارقىمۇ – ئارقا ئوبزور ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىنچى دەپ سۈپەتلىدى. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللتىنى تېررورچى دەپ قارىلىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى قارىلاپ، بۇرمىلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە چەكسز ئازار بەردى. ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر مىلىيارد 400 مىلىيون خىتاينىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلدى. بۇ قانۇنغا خىلاپ، ئنسانىي ئەخلاققا خىلاپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ! ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرى ئېلان

خىتاينىڭ تونۇلغان ئاتالمىش «دېموكراتىيە جەڭچىسى» ۋىي جىڭشىڭ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خىتايچە قانىلى ۋە ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا ئارقىمۇ – ئارقا ئوبزور ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىنچى دەپ سۈپەتلىدى. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللتىنى تېررورچى دەپ قارىلىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى قارىلاپ، بۇرمىلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە چەكسز ئازار بەردى. ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر مىلىيارد 400 مىلىيون خىتاينىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلدى. بۇ قانۇنغا خىلاپ، ئنسانىي ئەخلاققا خىلاپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ! ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش قارارىغا خىلاپ.

 

ئۇيغۇر مىللىتى — مەدەنىيەتلىك، تىنچلىقپەرۋەر، تارىخىتا ئۆز كۈچ – قۇدرىتى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە مەدەنىيتى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرغان ۋە ياۋرو – ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا ساناقسز تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت.

 

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،خىتاي كومپارتىيەسى تارىخ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى رادىكال ۋە تېررورچى دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيتىنى ئىنكار قىلماقتا. بۇ ۋىي جىڭشىڭنىڭ باياناتى بىلەن ئوپمۇ – -ئوخشاش بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرماقتا.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى ۋىي جىڭشىڭنىڭ باياناتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ مەقسەت – مۇددىئالىرىنى يېشىپ بەرگەندىن باشقا، تىڭ بىياۋ، ۋاڭ دەن، ياڭ جىيەنلى، بوفۇ قاتارلىق داڭلىق خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىپ، ئۇلاردىن ۋىي جىڭشىڭنى ئەيىپلەشنى، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بۇ ھەرىكەتكە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ۋىي جىڭشىڭ ئىرقچىلىق ۋە ئۇيغۇر ئۆچمەنلىكىگە تولغان باياناتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك، كەمسىتىش، ئىنكار قىلىش مەزمۇنىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچى دىرېكتورى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيتى، 2021- يىلى 11- ماي

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

نۇرى تۈركەل بايلىق ژۇرنىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس 50 نەپەر لېدىرلار قاتارىغا كىردى.

شە ماي 15 , 2021
ئۇۇيغۇر ئادۋۇكات، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى كومسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بايلىق ژۇرنىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتس 50 نەپەر لېدىرلار قاتارىغا كىردى.

You May Like