ئامېرىكا خەۋەرلىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ تىرامپنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى «سياسى مەقسەت»يوشۇرۇنغان دىدى.ئىككى پارتىيە زىددىيتى ئۆتكۈرلەشمەكتە.

ئامېرىكا خەۋەرلىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ تىرامپنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى «سياسى مەقسەت»يوشۇرۇنغان دىدى.ئىككى پارتىيە زىددىيتى ئۆتكۈرلەشمەكتە.

 

ئامېرىكا خەۋەرلىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ تىرامپنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى «سياسى مەقسەت»يوشۇرۇنغان دىدى.ئىككى پارتىيە زىددىيتى ئۆتكۈرلەشمەكتە.

 

 

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-ئاۋغۇست

 

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ساقچىلىرى سابىق پىرەزدىنىت تىرامپنىڭ فېلورىدا شتاتى مارىلاگودىكى شەخسى تۇرالغۇسغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئامېرىكىدا غايەت زور زىلزىلە قوزغىغانىدى.تىرامپنىڭ سياسى پارتيسى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيسى ئەزالىرىدىن كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئۇ : پىرەزدىنىتلەرنىڭ ئ‍ۆز سياسى رەقىبىنى تۇتۇش، تەكشۈرۈشى لاتىن ئامېرىكىسدىكى دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشى، بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە دىموكراتچىلار پارتىيسى سابىق پىرەزدىنت تىرامپنىڭ 2024-يىللىق سايلامغا قاتنىششنى توسۇش ئۈچۈن ھېلە ئويناۋاتىدۇ دىدى.

سابىق دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمىسى كاتىۋى مايىك پومپىيو:

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىئىنتايىن خەتەرلىك سياسى غەرەزنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان،بۇ ئامېرىكىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ دىدى.

ئەمما ئاق ساراي ۋە بايدىن تىرامپنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرۇشقا بۇيرۇق بەرمىگەنلىكىنى، ۋەقەدىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەدلىيە منسترلىكى مۇستەقىل ھالدا ئىجرا قىلغانلىقنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئەدلىيە منستىرى گارلاك ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېىين ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئىچىپ مۇنداق دىدى: بۇ ۋەقەگە مەن بۇيرۇق چۈشۈردۈم،تىرامپ ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، ئامېرىكا دۆلەت بېخەتەرلىكىگە چتېشلىق ئالى مەخپى ھۈججەتلەرنى شەخسى تۇرالغۇسغا يۆتكەپ ئىلىپ كەتكەن،بىز بۇلارنى تەكشۈرىمىز ،شۇنداقلا تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىلان قىلىمىز دىدى.

كىين ئىلان قىلىنغان ، فېدراتسيە سوتى تەرىپىدىن بىرىلگەن تەكشۈرۈش بۇيرۇقىدا: تىرامپ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ» دەپ يېزىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيسى ئەزالىرى ئەگەر 11-ئايدا دۆلەت مەجلىسنى قولىمىزغا ئالساق،بۇنىڭغا قارشى قساس خاراكتىرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز دىدى.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

تارىخى پۇرسەتتە، زىيالىيلار يۈتۈپ كەتتى

دۈ ئاۋغۇست 15 , 2022
خەلقئارا خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ تۇرغۇچىلار نۆۋەتتىكى پۇرسەتنىڭ تارىخىلىقىنى تولۇق ھىس قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر خەلقارا مەسىلە سۈپىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلدى. غەرىپ بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچىيىپ، كىلىشتۈرگىنى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆتكۈرلەشمەكتە. ھازىرقى ئەھۋال مۇشۇ پېتىلا داۋام قىلسا كەلگۈسى يىللاردا خەلقئارا سىياسىي سىستىمىدا زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ چوڭ ئۆزگۈرۈشتە، يىڭى كۈچ تەقسىماتى ۋە يىڭى ئورنىتىلىدىغان سىياسىي سىستىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئورنى بولامدۇ؟ بۇنى مۆلچەرلەش بىر قەدەر قىيىن.

You May Like