تاھىر ئىمىن توۋسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا: «ئۇيغۇر مىللىتى «كوللېكتىپ قەتلىئام» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ.»

مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان توۋسون ئۇنېۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2019-يىلى 29-مارت كۈنى كەچتە ئوقۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كوللېكتىپ قەتلىئام تونۇشتۇرۇلدى.

تاھىر ئىمىن توۋسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا: «ئۇيغۇرلار «كوللېكتىپ قەتلىئام» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ.»

Tahir Imin:Uighur Nation is facing unprecedented ethnic genocide under Chinese regime at Towson University

塔衣尔·衣明在美国Towson 大学:维吾尔人民正在遭受种族灭绝

2019-يىلى 30-مارت ،ۋاشىنگتون، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

مارىلاند شتاتىغا جايلاشقان توۋسون ئۇنېۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2019-يىلى 29-مارت كۈنى كەچتە ئوقۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كوللېكتىپ قەتلىئام تونۇشتۇرۇلدى.

ۋاشىنگتوندىن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مەركۇز پائالىيەتتە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق لېكسىيەسىدە ،ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان  قىرغىنچىلىق ۋەزىيەتنى خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسىي سىياسىي يۆنىلىشى، ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا يورۇتۇپ بەردى.

ئ‍امېرىكانلار، پەلەستىن، روھىنگا، ئەرەبلەر، پاكستانلىق ئ‍سپان ئوقۇغۇچىلار جەم بولغان بۇ يېغىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىر مەسىلىسى ئاساسىي تېما قىلىنىپ كوللېكتىپ قەتلىئامغا دۇچ كېلىشى گۇۋاھلىق سۆزلىرى، تاراتقۇ خەۋەرلىرى، سۈرەتلەر ئارقىلىق پاكىتلىق ۋە تەسىرلىك تونۇشتۇرۇلدى.

ئاڭلىغۇچىلاردىن پود كەست تارقاتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى، تارىخ، ئاسىيا تەتقىقاتى ۋە ئ‍ىسلام تەتقىقاتى كەسىپلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە سوئال سوراشتى ۋە داۋاملىق ئويغىتىش ھەرىكىتى  ھەققىدە مۇزاكىرە قىلدى.

نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سوراشتى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەسەدۇللا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت تىزىملىكىنى «ئۈممەت ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نامىدىن ئوقۇپ ئۆتۇپ، ھەر بىر شەخسنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ ئۇنېۋېرسىتېت تاھىر ئىمىن قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنېۋېرسىتېت مىقياسدا يەنە كۆلەملەشكەن پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشكە چاقىردى

دۈ ئاپرېل 1 , 2019
ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قەدەم ئېلىشقا چاقىرىپ، دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

You May Like