Nordic Monitor تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 19.ماي
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2020-05-20
تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشى مۇمكىن .
تۈركىيە خىتايدىن قاچقان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ مەنزىلى بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، 2017.يىلى ئىمزالانغان ھېلىھەم تۈركىيە مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈۋاتقان تۈركىيە-خىتاي ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن.
Nordic Monitor ئېرىشكەن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تېكىستىدىكى مۈجمەل ئىبارىلەر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ ، تۈركىيە ئەزا بولغان «ياۋروپا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى » دە بەلگىلەنگەن ئالاقىدار مېخانىزىملارغا خىلاپتۇر.
تۈركىيە- خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ 2.ماددىسىنىڭ 2. تارمىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، „ئىككى تەرەپ قانۇنىنىڭ جىنايەتلەرنى ئوخشاش كاتېگورىيەگە قويۇشى ياكى ئوخشاش ئاتالغۇ بىلەن تەسۋىرلىشى مۇھىم ئەمەس “ . مەزكۇر ماددىغا ئاساسلانغاندا، جىنايەت يەنە بىر تەرەپنىڭ ئالاقىدار قانۇن دائىرىسىگە تەۋە بولمىسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ جىنايەتچىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ، تۈركىيە – تۈركلەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مەدەنىي ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولغان ھەم تۈرك مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن مىللىي قېرىنداشلار دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلدى. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈشبۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ بىر نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتتى. بۇندىن باشقا ؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىپلىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ، تۈركىيە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرلىرى تۈپەيلىدىن سۈكۈت قىلدى.
بۇندىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 10.ئايدا 23 دۆلەتنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان بىرلەشمە باياناتىغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
![](https://iuyghur.com/wp-content/uploads/2020/05/8AC6F49A-57F1-48E4-923C-89CC8DC8D27A.jpeg)
ئاق پارتىيەنىڭ مىللىيەتچى ئىتتىپاقدىشى بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بېسىم قىلىشىدىن كېيىن ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2.ئايدا خىتاينى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا، شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىشقا مەجبۇر بولغانىدى . ھالبۇكى ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ، 2019.يىلى 12.ئاپرىل تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى تۈركىيە مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى.
رەئىس ئەردوغان 2017.يىلى 13.ماي بېيجىڭنى رەسمىي زىيارەت قىلىپ ،”بىر يول بىر بەلباغ ” خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 22 ماددىلىق كېلىشىم ئىمزالاپ مەزكۇر كېلىشىم تەرتىپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بېكىتكەنىدى .
ئىككىنچى ماددىسىنىڭ 1. تارمىقىدا “كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر يىلدىن ئۇزۇن ياكى ئېغىر جىنايەتلەرگە نىسبەتەن جازالاش ئېلىپ بارىدۇ”دەپ بەلگىلەنگەن . ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئادەمنىڭ تاپشۇرۇلۇشى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىپ ئەڭ ئاز بولغاندا 6 ئاي ئىچىدە بولۇشى كېرەك.
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە ، ئەنقەرە ئۈزلۈكسىز خۇپىيانە ھالەتتە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىيە تۈرمىسىدە قاماقلىق. مەجلىس كېلىشىمنى تەستىقلىغاندىن كېيىن ، بۇ سانلىق مەلۇمات داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن.
چۈشىنىش ئەسلەتمىسىگە ئاساسەن ، تۈرك سوتچىلىرى ۋە تەپتىشلىرى خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتاينىڭ ئەدلىيە سېستىمىسى ، مەدەنىيىتى ۋە تىلى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن تەربىيەلىنىشنى باشلىغان. 2019-يىلى 7-ئايدا ، تۈرك سوتچىلىرى ۋە تەپتىشلىرى بېيجىڭدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس كۇرسنى تاماملىدى ، تىل كۇرسىغا قاتناشتى ۋە كۇرس جەريانىدا خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنى ئۆگەندى.
ئەسلىي مەنبە: