ئۆمەر بېكنىڭ رەسىمى
ئىقبال
ياش دىمە كۆزۈمدىن ئاققىنى غەزەپ، تۇز سەپكەن زىدىدەك ساپ تىخى يارام. چىشىلىرىم نەپرەتنى بىلەيدۇ ھەردەم، تارىخقا يازىدۇ قىساسىم دىرام.
قەلبىمگە ئاقىدۇ تۇزلۇق مۇشەققەت، روھىمدىن چىقىدۇ دەمدە مىڭ ھىجران. غەيرەتتە ياشايمەن، ئەتەم بىر جەڭگاھ، قانلىرىم قىلىدۇ ئۆلۈمگە ئىسيان.
خىتاي دەپ يۇتىمەن ھەربىر نەپەسنى، ئارمانىم تەختىنى قىلماقتۇر گۇمران. ۋەتەنگە ئاتىدىم قىزىمنى ھەتتا، قىزىممۇ تۇمارىس،نۇزۇگۇم،رىزۋان.
سە ئۆكتەبىر 9 , 2018
ئۇشبۇ قۇرۇلتاي 25- 29 سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايغا خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق ۋەكىللىرى، 300 دىن ئارتۇق يازغۇچىلار قاتناشقان. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى ۋە مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر مەركىزى بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىغا تەييارلىغان قارارنامە قۇرۇلتاينىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا تاپشۇرۇلغان ئىدى.